ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىك ئۆيى تەشكىلاتى ژۇرنالىست غەيرەت نىياز ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ۋاشىنگىتوندىكى خەلقئارا ئەركىنلىك ئۆيى تەشكىلاتى تۈنۈگۈن ژۇرنالىست غەيرەت نىيازنىڭ 15 يىللىق كېسىلىشى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، غەيرەت نىيازغا بېرىلگەن جازا ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنىڭ بىر ئىپادىسى دەپ كۆرسىتىلدى. ئەركىنلىك ئۆيى بۇ باياناتىدا، ئۇيغۇر رايونىدا قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ، شۇنداقلا، تۈرمىلەردە قىيىن - قىستاق ۋە سىرلىق ئۆلۈملەرنىڭ ئىزچىل يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىشكە چاقىردى.

ئەركىنلىك ئۆيى يەنە، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ 6 ھەپتە تۇتقۇن قىلىنىپ، ئاندىن قويۇۋېتىلگەنلىكىنى، دىلشات پەرھات قاتارلىق تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ھازىرغىچە قاماقتا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى، غەيرەت نىياز ھەققىدىكى ھۆكۈمىنى بىكار قىلىشقا ۋە دىلشات پەرھات قاتارلىقلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

ئەركىنلىك ئۆيى ۋاشىنگىتوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارالىق بىر تەشكىلات بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ غايىسى دۇنيادا ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ يېيىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتۇر.