ئايروپىلاندا بومبا تەھدىتى سالغان خىتاي ئايالغا 3 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى

2011-يىلى بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچقان ئايروپىلاندا بومبا تەھدىتى سېلىپ قولغا ئېلىنغان خىتاي ئايالغا 3 يىل ئىككى ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلدى. مەزكۇر خەۋەرنىڭ 3 ئۇيغۇرغا «ئايروپىلان بۇلاش ۋە پارتلىتىشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى» بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئوتتۇرىغا چىقىشى دىققەتنى تارتتى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.01.09

ۋاڭ فامىلىلىك خىتاي ئايال 2011-يىلى 13-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچقان ئايروپىلاندا ئۆزىدە بومبا بارلىقىنى، ئايروپىلاننى پارتلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرپ تەھدىت سالغاندىن كېيىن، ئايروپىلان جيايۈگۇەن ئايرودرومىغا جىددىي قوندۇرۇلغان.

ئايروپىلان خادىملىرى ۋاڭنى قولغا ئالماقچى بولغاندا ۋاڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش تەھدىتى سېلىپ، قولغا ئېلىشقا قارشىلىق بىلدۈرگەن.

شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭغا «تېررورلۇق بىمەنە چاقچىقى قىلىش» ۋە «ساختا كىملىك ياساش جىنايىتى» ئارتىلغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، ۋاڭ فامىلىلىك بۇ خىتاي ئايالنىڭ «ئارتۇقچە ھاياجانلىنىپ كېتىش كېسىلى» بار بولغاچقا، ئۇ ئېغىر جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلمىغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ئاينىڭ 11-كۈنى 3 ئۇيغۇرغا «يولۇچىلار ئايروپىلانىنى بۇلاش جىنايىتى» ئارتىپ ئۆلۈم جازاسى، يەنە بىر ئۇيغۇرغا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بەرگەن.

بۇ ئۇيغۇرلار 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 9 كۈنى خوتەندىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچۇش ئالدىدىكى «يولۇچىلار ئايروپىلاننى بۇلاشقا ئۇرۇندى» دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان.

بۇ ئۇيغۇرلارغا پەقەت 6 ئاي ئىچىدە ھۆكۈم ئېلان قىلغان بولسا، ۋاڭ فامىلىلىك خىتاي يولۇچىغا بىر يىل 3 ئايدىن كېيىن ھۆكۈم ئېلان قىلغان.

ئىلگىرى غەرب كۆزەتكۈچىلىرى ئۇيغۇرلار ئارتىلىۋاتقان ئاتالمىش «تېررورلۇق» جىنايەتلىرىنىڭ سىياسىي خاراكتېرى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.