خىتاي بالىلار ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئەۋج ئېلىشى بىلەن بالا بېقىۋېلىش سىياسىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

جۇڭگو خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقان بالىلار ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇندىن كېيىن، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىن باشقا ھەرقانداق جايدىن بالا بېقىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى ھەققىدە قانۇن بەلگىلىمىلىرىنى تۈزۈشنى ئويلاشماقتا ئىكەن.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتايدا نارەسىدە بالىلارنى ئالداپ سېتىۋېتىش ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان جايلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىمۇ بۇ يىل 4-ئايدىن باشلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى سەرگەردان بالىلارنى يىغىۋالىدىغانلىقىنى ھەم بالىلار ئەتكەسچىلىرىگە زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، كورلا، مەكىت ۋە يەكەن قاتارلىق جايلىرىدىن ئۆسمۈر-بالىلارنى ئېلىپ قېچىش، سېتىش، ۋە جىنايى ئىشلارغا سېلىش قىلمىشى بىلەن شۇغۇللانغان 8 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆلۈم جازاسى، كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسى ۋە مۇددەتلىك، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىپ سېتىۋېتىلگەن ھەم ئوغرىلىق قىلىشقا مەجبۇرلانغان سەرگەردان بالىلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارغانچە كۆپۈشى خەلقئارانىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىماقتا. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى سەرگەردان بالىلار مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامراتلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باراۋەرسىز مىللىي سىياسىتىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە.