بان كېمۇن ئىسرائىلىيىدىن غەززەدىكى قامالنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرېتارى بان كىمۇن ئىسرائىلىيىدىن غەززەگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان قامالنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ بۇنىڭ، خاتا بىر قىلمىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.06.03

ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى غەززەگە ياردەم بويۇملىرى ئېلىپ ماڭغان پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا قارار قىلدى. ب د ت غا قاراشلىق كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تۈنۈگۈن ئىسرائىلىيىنىڭ ھۇجۇمىنى ئەيىبلەش قارارى چىقاردى.

ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۆلگۈچىلەر ئۈچۈن جىنازا نامىزى قىلىنغان. تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللاھ گۈل ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ كەچۈرگۈسىز دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى ۋە تۈركىيىنىڭ بۇنىڭغا كېرەكلىك جاۋابىنى قايتۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋەقە مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، دۇنيا رەھبەرلىرى بىردەك ئىسرائىلىيىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى، ئەمما ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياخۇ بۇ دۆلەتلەرنى ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن ئەيىبلىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، 6 پاراخوتتىن تەشكىل تاپقان ياردەم ئەترىتى ئىسرائىلىيىنىڭ ئىمبارگوسى ئاستىدىكى غەززەگە 10 مىڭ توننا ياردەم بويۇملىرى ئېلىپ كېتىۋاتقان بولۇپ، ئىسرائىلىيە بۇ پاراخوتلارنىڭ ئىككى سائەت ئاۋۋال بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇشقا پەرۋا قىلمىغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا ئۆز ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.