خىتاي دائىرىلىرى تاقىۋېتىلگەن تور بېكەتلىرى ۋە شەخسىي بلوگلارنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.04.03
2012.04.03
ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭ دائىرىلىرى، چوڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم سېكرىتارى بو شىلەي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىنكى خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقان 16 تور بېكىتىنى تاقاپ، 6 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 3 - ئايدا بېيجىڭدا خىتاينىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسى كېڭەش يىغىنى ئېچىلغان مەزگىلدە، بېيجىڭ دائىرىلىرى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغاندىن باشقا، بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى نەزەربەند قىلىپ، ئۇلارنىڭ شەخسىي تور بېكەتلىرىنى تاقىغان ئىدى. يىغىن مەزگىلىدە يەنە، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى پىكىر - قاراشلىرى بىلەن خەلقارادا تونۇلغان، «ئۇيغۇربىز» تور بېكىتىنىڭ ساھىبى، بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەپەندىمۇ نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنىپ، «ئۇيغۇر بىز» نىڭ خەلقئارا تور بېكىتى نامەلۇم خاككېرلار تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ھەمدە ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ شەخسىي بلوگى تاقىلىپ، ئۇنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئىنتېرنېت ئالاقىسى ئۈزۈۋېتىلگەن ئىدى.