دالاي لاما تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 51 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا خىتايغا قارىتا غەزەپ ئىپادىلىدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ درامسالادىن بايان قىلىشىچە، دالاي لاما تىبەت قوزغىلىڭى ۋە تىبەت مۇھاجىرىتىنىڭ 51 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھازىر تىبەتتە 'ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش' دېگەن نام بىلەن سىياسى ھەرىكەت قوزغاپ، تىبەتلەرنىڭ بۇددا دىنىنى يوقىتىۋاتقانلىقى، تەبىئەتتىكى بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنى پۇل تاپىدىغان ساياھەت نۇقتىلىرىغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقى، راھىب، راھىبەلەرنى مەھبۇسقا ئايلاندۇرغانلىقىنىڭ پاكىتلىرىنى كۆرسىتىپ، خىتايغا قارىتا غەزەپ ئىپادىلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-03-10
Share

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دالاي لاما سۆزىدە 'گەرچە بىز تولۇق ئاپتونومىيىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولساقمۇ، ئەمما خىتاي بىز بىلەن سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلىپ، مىنى بۆلگۈنچى، دەپ جاكارلاپ، تىبەتكە تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى. بۇ، تىبەتتە ۋەزىيەتنىڭ ناھايىتى جىددىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ' دەپ كۆرسەتتى. شۇنداق ئۇ سۆزىدە يەنە، ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ 5 - ئىيول ۋەقەسىدىكى ئىپادىسىنى زور كۈچ بىلەن قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، تىبەت ھەرىكىتىنىڭ خاتىرە كۈنلىرى يېتىپ كەلگەن مۇشۇ ۋاقىتتا، لاسا شەھىرىدىكى مېھمانخانىلار مېھمان قوبۇل قىلىشنى توختاتتى. خىتاي قوراللىق قىسىملىرى شەھەرنىڭ ھەممە دوقمۇشلىرىدا ھەيۋە كۆرسىتىپ، تىبەتلەرگە ۋەھىمە سېلىشقا باشلىدى.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.