دالاي لامانىڭ خىتاينى غەزەپكە سالغان پولشا زىيارىتى باشلاندى

تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ خىتاينى غەزەپكە سالغان 8 كۈنلۈك پولشا زىيارىتى جۈمە كۈنى باشلاندى. دالاي لاما شۇنى پولشانىڭ بالتىق دېڭىزى بويىدىكى گدانسك شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، گدانسك شەھەر باشلىقى پاۋېل ئاداموۋىچنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

دالاي لاما شەنبە كۈنى پولشا باش مىنىستىرى دونالد تۇسك بىلەن كۆرۈشىشى مۈمكىن. 6 ‏ - دېكابىر كۈنى گدانسك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پولشانىڭ كوممۇنىزىمغا قارشى سابىق رەھبىرى لىخ ۋالېسانىڭ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان دالاي لاما، پائالىيەتتە فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي بىلەن كۆرۈشەتتى.

دالاي لاما بىلەن ساركوزىينىڭ ئۇچۇرۇشۇش پىلانى خىتاينىڭ غەزىپىنى قوزغىغان، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ ئۇچۇرۇشۇشنىڭ خىتاي - فرانسىيە مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. دالاي لاما گدانسك ئايرۇدۇرۇمىغا يېتىپ كەلگەندە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، " تارىخىي ئىتتىپاق ئىشچىلار ھەرىكىتى ئاپىرىدە بولغان، دوستى لېچ ۋالېسانىڭ پائالىيىتى باشلانغان بۇ شەھەردە بولغانلىقىدىن خۇرسەن ئىكەنلىگى" نى بىلدۈرگەن.

1980 ‏ - يىللاردا لېخ ۋالېسانىڭ رەھبەرلىكىدىكى پولشا ئىتتىپاق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھەرىكىتى گدانسكتىكى پاراخوت زاۋۇتىدىن باشلىنىپ، پولشادا كوممۇنىزىمنىڭ يىقىلىشىغا يول ئاچقان ئىدى. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى پەيشەنبە كۈنى دالاي لاما بىلەن ساركوزىينىڭ ئۇچرىشىشى توغرىسىدا يەنە بايانات ئېلان قىلىپ، فرانسىيە تەرەپنى خىتاينىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى مەيدانى ۋە سەزگۈرلىكىگە دىققەت قىلىش ۋە بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

لېكىن فرانسىيە تەرەپ گدانسكتىكى ئۇچۇرۇشۇشنىڭ خىتاي - فرانسىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى، خىتاينى بۇ مەسىلىدە ئەمەلىيەتچان بولۇشقا ئۈندىگەن ئىدى.