دىلبەر توختى ئۆز شىكايەتنامىسىدە، ئېرى مەمەت تۇرسۇن تاشنىڭ 2006 - يىلى 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى يەكەن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ گۈلباغ يېزىلىق ساقچىخانىسىنىڭ ساقچى خادىمى ئابدۇكېرىم قاتارلىقلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، ۋېن جىڭشيان ئىسىملىك ساقچى خادىمى تەرىپىدىن قاتتىق قىيناق ئارقىلىق سوراق قىلىنغان، ساقچىلارنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن يەنە بىر كامېردىكى قاسىم، تۇرسۇن قاتارلىقلار تەرىپىدىنمۇ ئۇرۇلغان نەتىجىدە 11 كۈندىن كېيىن يەنى 2006 - يىلى 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ساقچىخانىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا، ھېچقانداق قولغا ئېلىش بۇيرۇقى بولمىغان، تېخى جىنايىتى بېكىتىلمىگەن، جازا ھۆكۈم قىلىنمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆلۈپ كەتكەن" لىكىنى بايان قىلغان.
يەكەن ناھىيىلىك تەپتىش ئىدارىسى قانۇن دوختۇرى ئەھەت ئەخمەتنىڭ تەكشۈرۈشىچە ئاساسەن، مەمەت تۇرسۇن تاشنىڭ ھەقىقەتەن قاتتىق قىيناق ۋە تاياق زەربىسىدىن ئۆلگەنلىكىنى بېكىتكەن.
ئەمما، يەكەن ناھىيىلىك تەپتىش ئىدارىسى بۇ دېلو ئۈستىدىن 2006 - يىلى چىقارغان 1 - نومۇرلۇق ھۆكۇئۈمنامىسىدە،ساقچىخانا باشلىقى شۇ توڭرېننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش بىلەنلا چەكلەنگەن، مەمەت تۇرسۇن تاشنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپ بولغان ساقچى خادىملىرى قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىلمىغان.
دىلبەر توختىنىڭ كۆپ قېتىم ئەرز قىلىشى بىلەن، 2009 - يىلى، دائىرىلەر مەمەت تۇرسۇننىڭ ئانىسىغا 50 مىڭ يۈئەن خەلق پۇلى، ئايالى دىلبەر توختى ۋە ئوغلىغا 60 مىڭ يۈئەن تۆلەم پۇلى بېرىشنى ھۆكۈم قىلغان.
دىلبەر توختى بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان ھەم تۆلەم پۇلى ئېلىشنىمۇ رەت قىلغان. ئۇ قەشقەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ئەرز قىلىش ئۈچۈن بارغىنىدا، يەكەن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى ساقچىلارنى ئەۋەتىپ دىلبەر توختىنى تۇتۇپ ئەكىلىپ، يەكەن ناھىيىلىك ساقچىخانىغا 10 كۈن سولاپ قويغان.
دىلبەر توختىنىڭ دادىسى توختى ھوشۇر قىزى دىلبەر توختىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارماقچى بولغىنىدا دادىسى توختى ھوشۇرنىمۇ 15 كۈن سولاپ قويغان، تاكى دىلبەر توختىنىڭ ئانىسى ئامانگۇل قۇربان 60 مىڭ يۈئەن تۆلەم پۇلىنى ئېلىشقا رازى بولغىنىدىن كېيىنلا، يەكەن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى دىلبەر توختى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارغا ئەرز قىلماسلىق شەرتى بىلەن دىلبەر توختى ۋە دادىسى توختى ھوشۇرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قويۇپ بەرگەن.