ئۈرۈمچىدە بىر سودا بازىرىغا ئوت كەتتى

خوڭكوڭدا چىقىدىغان مىڭباۋ گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 9 دا، خىتايلار ئۆزلىرى تيەنباۋ خەلقئارا سودا بازىرىغا ئۆت كەتكەنلىكى مەلۇم قىلىنغان. بۇ خەۋەر ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي ئۇچۇر تارقىلىدىغان تور بەتلىرىدە تارقالغان.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.04.18

ئۇ بىنا ئۈرۈمچى جەنۇبىي پويىز ئىستانسىسىغا يېقىن جايدا، خىتايلار چەنتاڭجاڭ دەپ نام قويۇۋالغان بىر كوچىغا جايلاشقان.

خىتاينىڭ ئۈرۈمچى ئوت ئۆچۈرۈش مەركىزى ئەتىگەن سائەت 10 يېرىمدا، بۇ بىنانىڭ 11-قەۋىتىدىن 13-قەۋىتىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى تۇرالغۇ ئۆيلەردىن ئوت ئۇچقۇنلىرى چىقىشقا باشلىغاندا ئاندىن بۇيرۇق بۇيرۇق تاپشۇرۇۋېلىپ، ھەر قايسى ئۆت ئۆچۈرۈش ئورگانلىرىدىن 9 ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى، 44 ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى ۋە 170 تىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنى سەپەرۋەر قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى تيەنباۋ خەلقئارا سودا بازىرى دېگەن بىنانىڭ 1-قەۋىتىدىن 4-قەۋىتىگىچە ھەممىسى زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى سېتىلىدىغان بازار. 5-قەۋىتىدىن 23-قەۋىتىگىچە ھەممىسى تۇرالغۇ، ئەمما بۇ تۇرالغۇلار ئىچىدە يەنە ھەرخىل ئورگانلارنىڭ ئىشخانىلىرى ۋە ئىسكىلاتلىرى بار.

بۈگۈن ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى بۇ بىنادا قامىلىپ قالغان ئاھالىلەرنى شوتا بىلەن چۈشۈرۈپ، بىنانىڭ ئاستىدىكى تېز داۋالاش پونكىتلىرىدا داۋالاشقا باشلىغان. يەنە 100 دىن ئارتۇق ئاھالىنى تارقاقلاشتۇرغان.

ئۇچۇر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ،مۇشۇ كۈچىدىكى دېخۇي توپ سېتىش بىناسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر سودا بازىرىغا ئوت كەتكەن بولۇپ، ئاپەت چىقىمىنى پۈتۈنلەي ئاپتونوم رايون تۆلەپ بەرگەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.