غۇلجىدىكى بىر يەر ئاستى چېركاۋى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇر تارقىتىۋېتىلدى

روجىستىۋا بايرىمى ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ يىغىلىشى ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي مەنىي قىلىنغان بولۇپ، بوشۈن تورىدا خىتايغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر يىغىلىشنىڭ يېتەكچىسى ساقچىلارنىڭ تەھدىت سېلىشىغا ئۇچرىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008-12-25
Share

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، ۋەقە 21 - دېكابىر غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، غۇلجا شەھىرىگە جايلاشقان بىر يەر ئاستى چېركاۋى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇر تارقىتىۋېتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يەر ئاستى چېركاۋنىڭ پوپى شيې شيەنخۇاغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن ھەمدە ئەگەر يىغىلىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا قولغا ئېلىنىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سېلىنغان.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنى دىنى ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىدىغان دۆلەت دەپ جاكارلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە جۈملىدىن پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا دىنغا ئىشەنگۈچىلەرنى ھەر خىل شەكىلدە باستۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، جۇڭگوغا ياردەم جەمئىيىتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش" دېگەنگە ئوخشاش جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ 2007 ‏ - يىلى قاماققا ئېلىنغان ئۇيغۇر خرىستىئان مۇرىتى ئالىمجان ھىمىت ۋە ئوسمان ئىمىنلار بۇلارنىڭ تىپىك مىسالى ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت