ھىلارىي كلىنتون: 'بىز خىتاينى تىبەت ۋە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىرىمىز'
كلىنتون خانىم بۇ ھەقتىكى سۆزلەرنى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى ھەققىدە توختالغاندا ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرگە قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىدە، بولۇپمۇ خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق ھالقىلىق دۆلەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىدە ئەمەلىيەتچان پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن ئىجابىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنى ئىستەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇلار بىلەن سەمىمىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنىمۇ ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن: " بىز خىتاينى تىبەت ۋە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىرىمىز" دېدى.
ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيىگە قاراتقان سىياسىتىدە ئۆز - ئارا مەنپەئەت قاتارلىق جەھەتلەردىلا ئەمەس، بەلكى يەنە مەزكۇر دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشتىمۇ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما خىتاي زىيارىتى جەريانىدا خىتايدىكى دىنغا ئىشەنگۈچى ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى ھەققىدە توختالغان ئىدى. ھالبۇكى، كلىنتون خانىمنىڭ يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغانلىرى ئوباما ھۆكۈمىتى يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئوچۇق ئاشكارا توختىلىشنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.