خىتاي ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ سېرىق دېڭىزدا ئېلىپ بارىدىغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
2010.11.25
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لېي خۇڭ پەيشەنبىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا "مانېۋىرغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردىن ۋاقىپ بولغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلغانلىقى"نى بىلدۈرگەن. لېي خۇڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتكە قارشى تۇرىدىكەن. شىمالىي كورىيە سەيشەنبە كۈنى جەنۇبىي كورىيىنىڭ يۇنيۇڭ ئارىلىدىكى بىر ھەربىي بازىسىنى توپقا تۇتۇپ، 4 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرىپ، تىنچلىقنى ساقلاشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، شىمالىي كورىيىنىڭ ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچىنىڭ بۇ ھەپتە ئاخىرى جەنۇبىي كورىيىدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى كېچىكتۈرۈلگەن. جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرى زىيارەت ياڭ جيېچىنىڭ "خىزمەت كۈنتەرتىپى" سەۋەبىدىن كېچىككەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما زىيارەتنىڭ كېچىكىشىگە سەۋەب بولغان كونكرېت ئامىللار تىلغا ئېلىنمىغان. لېكىن بۇ خىتاينىڭ "يۇنيۇڭ ۋەقەسى"دە شىمالىي كورىيىنى تەنقىد قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ سېرىق دېڭىزدا ئېلىپ بارىدىغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىغا قارشى تۇرغان مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكتىن، زىيارەتنىڭ كېچىكىش سەۋەبىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك پەرەزلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، جۇڭگونىڭ "ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرلىك ھەر قانداق ھەربىي ھەرىكەتكە قارشى تۇرىدىغانلىقى"نى بىلدۈرگەن. لېكىن، خىتاي تەرەپنىڭ باياناتىنىڭ، شىمالىي كورىيىنىڭ جەنۇبنى توپقا تۇتۇش ۋەقەسىگە قارىتىلغانلىقى ۋە ياكى ئامېرىكا-جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى كۆزدە تۇتقانلىقى مەلۇم ئەمەس.