لىۋىيە قوزغىلاڭچى دائىرىلىرى كازافىينى تۇتۇپ بەرگەنلەرگە مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

لىۋىيە قوزغىلاڭچى دائىرىلىرى بۈگۈن كازافىينى تۇتۇپ بەرگەن ئادەمگە 1 مىليون 700 مىڭ دوللار مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇلارنىڭ بۇ قارارى قوزغىلاڭچى تەرەپ كازافىينىڭ تۇرالغۇسىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.08.24

لىۋىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ باشلىقى مۇستافا ئابدۇل جېلىل يەنە، لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت مىللىي كېڭىشىنىڭ كازافىينىڭ ھوقۇقتىن ۋاز كېچىپ تىنچلىق بىلەن چەتئەلگە چىقىپ كېتىشىگىمۇ يول بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇستافا ئابدۇل جېلىل بېنغازىدا بۇ ھەقتە چىقارغان چاقىرىقنامىسىدە كازافىينى ئۆلتۈرگەن ياكى ئۇنى تۇتۇپ بەرگەن ھەرقانداق بىرىنىڭ ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى بولسا پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مۇكاپات سوممىسىنى لىۋىيىدىكى بىر سودىگەر بېرىشكە ۋەدە قىلغان.

لىۋىيىدىكى نامايىش قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭغا ئايلانغان ۋە ئۆتكەن 6 ئايدىن بۇيان لىۋىيىدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغان ئىدى.

لىۋىيە قوزغىلاڭچىلىرى دۈشەنبە كۈنى كازافىي ھۆكۈمىتى جايلاشقان پايتەخت ترىپولىنى ئىگىلىگەن ھەمدە كازافىينىڭ بىر ئوغلىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.