چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەھبۇبە ئابلەشنى قولغا ئالغانلىقىنى 'ئادالەتسىزلىك' دەپ ئەيىبلىدى

بۈگۈن چېگرىسىز مۇخبىرلار دەپ ئاتىلىدىغان خەلقئارا تەشكىلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى رادىئو خىزمەتچىسى مەھبۇبە ئابلەشنى 'ئەكسىلئىنقىلابىي يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان' دېگەن نام بىلەن خىزمەتتىن چىقىرىۋەتكەنلىكى ۋە قولغا ئالغانلىقىنى ئەيىبلەپ ماقالە ئېلان ئېلان قىلدى.

ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى 'ئادالەتسىزلىك' دەپ خىتاپ قىلدى.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۈگۈن ئېلان قىلغان بۇ ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ئادالەتسىزلىك قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، مەسىلەن: 'ياۋا كەپتەر' دېگەن ئەدەبىي ئەسەرنى يازغان يازغۇچى نۇر مۇھەممەت ياسىننى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى، بۇ ئەسەرنى تەھرىرلىگەن كۆرەش ھۈسىيىنگىمۇ ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ يازغۇچى، مۇئەللىم، تەرجىمان ئابدۇغېنى مەمتىمىننى 'دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئاشكارىلىغان' دېگەن نام بىلە قولغا ئالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.