12 ياشلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

جۈمە كۈنى، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن 12 ياشلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈر مىرزات ئامانۇللا شەھيارىنىڭ ئۆلۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.06.01

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەزكۇر نامايىش، كورلا ساقچى دائىرىلىرىنىڭ 20‏-ماي مىرزات ئامانۇللا شاھيارى ئىسىملىك 12 ياشلىق بىر ئۆسمۈر بالىنى مەخپىي قۇرئان كۇرسىغا قاتناشقانلىق سەۋەبىدىن تۇتۇپ كېتىپ، ئەتىسى ئائىلىسىگە جەسىتىنى تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلغان.

مىرزات ئامانۇللانىڭ مەككىدە تۇرۇشلۇق دادىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مىرزاتنىڭ بەدەن، بويۇن ۋە باش قىسمىدا ئېغىر تاياق ئىزى بولسىمۇ، بىراق كورلا ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئانىسىنى چاقىرىپ، مىرزاتنىڭ تامغا ئۈسۈپ ئۆلۈۋالغانلىقى ۋە جەسەتنى ھېچقانداق داۋراڭ سالماي دەرھال دەپىنە قىلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ ۋەقە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. بۇ ۋەقەنىڭ يەنە، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن بۇيان ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىش چاقىرىقى كۈچىيىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بېرىشى، ئىلگىرىلەپ نارازىلىق قوزغىغان.

جۈمە كۈنكى نامايىش ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىرغىقى ۋاقتى بىلەن چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ جەرياندا نامايىشچى ئامما خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلىدىغان ھەر خىل شوئارلارنى توۋلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.