ئۈرۈمچىدە مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرۈشتىن توسۇشى گۇمان قوزغىدى

مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەتلىك ب دەرىجىلىكلەر 9-ئايلانما مۇسابىقىسى ھارپىسىدا تاماشىبىنلارنىڭ سانىنى ئازايتىشقا تىرىشقان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.06.11

«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۈرۈمچىدىكى بەزى ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلىرىنى شۇ مەيدان مۇسابىقىنى كۆرۈشكە بارماسلىققا چاقىرغان؛ بەزى مەكتەپلەردە مەكتەپ دەرۋازىسىغا قۇلۇپ سېلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇسابىقىگە بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

دائىرىلەر بۇ خىل چەكلىمىنى تەشۋىق قىلغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، بۇ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە جەمئىيەتتىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشەلمىگەن.

كىشىلەر بۇ چەكلىمىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ ساندا بىر جايغا توپلىنىشىنى مۇقىملىققا تەھدىت دەپ قاراشتىن يولغا قويۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەشرەپ ئوينىشىنى، توي-مەرىكىلەرنى كاتتا ئۆتكۈزۈشىنى ۋە چوڭ مەسچىتلەرگە توپلىنىشىنى توسقان. خىتاينىڭ بۇ نۆۋەت ئۇيغۇرلارنى پۇتبول مۇسابىقىسىنى تاماشا قىلىشتىنمۇ توسۇشى تۇنجى يېقىملىقتۇر.

«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىشىچە، چەكلىمىگە قارىماستىن، مەزكۇر مۇسابىقىنى كۆرگۈچىلەرنىڭ سانى 50مىڭدىن ئېشىپ، خىتاي بويىچە يەنە يېڭى رېكورت يارىتىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.