2012-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان دېگەن جىنايەت بىلەن سوتلانغانلار بارغانچە كۆپەيگەن

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش ۋە قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنى چەكلەش نامىدا دىنىي ئېتىقادقا قاراتقان باستۇرۇشنى بارغانچە كۈچەيتكەن.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.01.08

بولۇپمۇ بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە ۋە قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش نامىدا دىنىي ئېتىقاد ۋە نەشر بۇيۇملىرىغا قارىتىلغان كونتروللۇق تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىمۇ بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە قانۇنسىز دىنىي نەشر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش كۈچەيتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 4-يانۋاردىكى ئىنگلىزچە خەۋىرىدە بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە جەمئىي 45 مىليون قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە قانۇنسىز دىنىي كىتاب، دىنىي ئۈن-سىن نەشر بۇيۇملىرىنىڭ زور سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى بايان قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوتەن شەھىرىدىن قانۇنسىز دىنىي نەشرىيات بۇيۇملىرىنى تارقاتقان دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى نەقىل ئېلىنغان.

ئۇندىن باشقا، ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ خەلقئارا تورىنىڭ 8-يانۋاردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بۇلتۇر 9-دېكابىر كۈنى 7 نەپەر تۇڭگاننى« خۇراپاتلىقنى تەرغىب قىلىپ، قانۇننى بۇزغان »، « قانۇنسىز دىنىي نەشر بۇيۇملىرىنى تارقاتقان » دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ،3 يىلدىن 4 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.