رويتېرىسنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، جاۋابكار مىكايىل داۋىدقا 7 يىللىق، سادىق سەيىد بۇجاكقا 3 يېرىم يىللىق، داۋىد جاكوبسونغا 4 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. بۇلار نورۋېگىيەدە پارتلاتقۇچ ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىۋاتقان مەزگىلدە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە دانىيىدىكى ئىسلامنى ھاقارەت قىلدى دەپ قارالغان بىر گېزىتخانىغا تېررورلۇق ھۇجۇمى پىلانلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ئىدى.
يەتتە يىللىق كېسىلگەن مىكايىل داۋىدنىڭ ئەسلى مىللىتى ئۇيغۇر، ئىسمى راشىدىن مۇھەممەد بولۇپ، ئۇ ئالدىنقى قېتىملىق سوتلاردا، ئۆزىنىڭ مەزكۇر گېزىتكە قارشى ھۇجۇم پىلانىنى رەت قىلغان؛ پەقەت ئۆزىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى قاتارلىق خىتاينىڭ نورۋېگىيەدىكى مەنپەئەتلىرىگە قارشى ھۇجۇم پىلانى تۈزگەنلىكىنى بايان قىلغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، راشىدىن مۇھەممەتكە دانىيىدىكى بىر گېزىتخانىنى پارتلىتىشنى پىلانلىدى دېگەن ئەيىبلىمە بىلەن جازا بېرىلگەن.