قەشقەر مەكىت ناھىيىسىدە روپاش ئاياللارنىڭ يۈزى مەجبۇرى ئېچىۋېتىش نارازىلىق قوزغىدى
2011.08.11
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 3-ئاۋغۇست قەشقەر مەكىت ناھىيىسى بۇلىقاۋۇس مەھەللىسىدىكى ئاياللار كومىتېتى «دىنىي يوسۇندا كىيىنىشنى چەكلەش، ئىدىيىنى ئازاد قىلىش» دېگەن نامدا40 تەك روپاش ئايالنى مەجبۇرى يىغىۋېلىپ، ئاياللارنىڭ روماللىرىنى مەجبۇرى ئالدۇرۇۋەتكەن.
«چاي زىياپىتى» باھانىسىدە بۇ ئاياللارنى كەمپۈت قاتارلىق تاتلىق تۇرۇملارنى يېيىشكە زورلاپ، ئۇلارنى روزىسىنى بۇزۇشقا مەجبۇرلىغان. رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەكىتتە يۈز بەرگەن ئاياللارنىڭ يۈزىنى مەجبۇرى ئاچقۇزۇۋېتىش ھەم روزا تۇتماسلىققا مەجبۇرلاش قىلمىشى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقنى كۈچەيتكەن.
قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيىلەردە بۇ يىل رامزان كىرىشتىن ئىلگىرىلا، رامزان مەزگىلىدىكى دىنىي نازارەتنى كۈچەيتىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنلىرى ئېچىلغان.
قەشقەر يوپۇرغا ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى 30-ئىيۇل چىقارغان بىر ھۆججىتىدە يوپۇرغا ناھىيىسىدە 27-ئىيۇل رامزان مەزگىلىدىكى دىنىي نازارەتنى كۈچەيتىش، مۇقىملىقنى ساقلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلغانلىقى، يىغىن روھىغا ئاساسەن ھەرقايسى يېزا مەھەللىلەرگە رامزان مەزگىلىدىكى نازارەت ھەم چەكلىمىلەرنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.