رۇسىيە بىلەن ھىندىستان ھەربىي ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى قارار قىلدى

رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ 21-، 22-دېكابىر كۈنلىرى ھىندىستاندا قىزغىن كەيپىياتتا كۈتىۋېلىشغا ئېرىشتى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2010.12.22

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مېدۋېدېۋنىڭ ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا رۇسىيە بىلەن ھىندىستان ئاتوم ئېنېرگىيىسى، ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلان تېخنىكىسى ۋە سودىسى ھەم باشقا ساھەلەرگە ئائىت 30 كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، ھىندىستان مەزكۇر تېخنىكىلار ئۈچۈن يىگىرمە يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە 35 مىليارد دوللار سەرپ قىلىشقا رازى بولغان.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى دمىترىي مېدۋېدېۋنىڭ بۇ قېتىمقى ھىندىستان زىيارىتىگە يۇقىرى باھا بەرمەكتە ھەمدە ئىككى دۆلەت ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ قويۇقلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

رۇسىيە ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مېدۋېدېۋ يېڭى دېھلىدا ھىندىستان باش مىنىستىرى مانمۇخان سىڭك بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە رۇسىيىنىڭ ھىندىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولۇشىنى قوللايدىغانلىقى ۋە بۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسلاھات قىلىنسا، ھىندىستاننىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىملىق ئەزاسى بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى رۇسىيىنىڭ ھىندىستاننىڭ شاڭخەي گۇرۇھىدىكى ئەزالىقىنى قوللىشىنىڭ خىتاينىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقى، نۆۋەتتە، شاڭخەي تەشكىلاتىغا يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىشتا خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ پىكىر ئىختىلاپى بارلىقى، مۇمكىن قەدەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزلىرىگە يېقىن دۆلەتنى ئەزالىققا تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

رۇسىيە پرېزىدېنتىنىڭ ھىندىستان سەپىرىدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ھىندىستاننى زىيارەت قىلىپ، ھىندىستان بىلەن سودا -ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىملىرى تۈزگەن ئىدى. ئەمما، ھىندىستان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن تارتىپلا ئىزچىل تۈردە رۇسىيىنىڭ يېقىن شېرىكى بولۇپ كەلمەكتە، ئەمما، ئۇ 1962-يىلى خىتاي بىلەن بىر قېتىم چېگرا ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.