د ئۇ ق شاۋگۈەندىكى ئىرقىي ھۇجۇمنىڭ 3 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دوكلات ئېلان قىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شاۋگۈەندىكى ئىرقىي ھۇجۇمنىڭ 3 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 25 - ئىيۇن كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.06.26


دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشۋىقات كومىتېتى ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتتا، 2009 - يىلى ياز پەسلىدە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن، خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىغان 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە بىۋاسىتە سەۋەبچى بولغان 26 - ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى قايتا ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتى ئەيىبلەندى.

دوكلاتتا يەنە، 3 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن شاۋگۈەندىكى ئىرقىي ھۇجۇمنىڭ ماھىيىتى ۋە خاراكتېرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە پاش قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ۋەقەنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئىرقىي ئايرىمىچىلىق، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىنىڭ جانلىق ئىسپاتى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ھەم دېموكراتىك ئەللەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي زۇلۇمى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى كۆرۈشكە ھەم خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.