سرىلانكا ساقچىلىرى خىتاي ئالدامىلارنى قولغا ئالدى

سرىلانكا ساقچىلىرى ئىنتېرنېتتا ئالدامچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان يۈزدىن ئارتۇق خىتاي پۇقراسىنى قولغا ئالدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.12.22
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp


سرىلانكا ھۆكۈمەت خادىمنىڭ شەنبە كۈنى ئاخباراتقا ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر خىتاي پۇقرالىرى توردا بانكا ھېساباتى ئېچىپ خىتاي ئىچىدىكى باشقا خىتاي پۇقرالىرىنى ئالدىغان ئىكەن.

ساقچى دائىرىلىرى جۈمە كۈنى 26 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 114 نەپەر خىتاي پۇقراسىنى قولغا ئالغان. بۇ گۇماندارلار يەكشەنبە كۈنى سوتقا تارتىلىدىكەن.

خىتاي سرىلانكىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلىرىدىن بىر بولۇپ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سرىلانكىغا كېلىپ يەرلەشكەن خىتايلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئاشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.