نۇربەكرى ۋەقەنىڭ 26 - ئىيۇن گۇاڭدۇڭ شاۋگۇەندە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، ئەمما ئۇ بۇ ۋەقەنى رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شاۋگۇەن ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ،ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بولغان دەپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە چەتئەللەردىكى دېموكراتىك تەشكىلاتلارغا ھۇجۇم قىلغان.خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنى، " 5 - ئىيۇل ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش ۋەقەسى " دەپ ئاتىدى.
6 - ئىيۇلدىن ئېتىبارەن ئۈرۈمچىدە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلۈپلا قالماستىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا،قەشقەر قاتارلىق شەھەرلىرىدىمۇ جىددىي ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەن.
غۇلجىدىكى بىر شەھەر ئاھالىسىنىڭ رادىئومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە،غۇلجا كوچىلىرىدا تولۇق قوراللانغان، پولات قالپاق كىيگەن قوراللىق ساقچى قىسىملىرى قاپلاپ كەتكەن، غۇلجا كوچىلىرىدا ساقچى ئاپتوموبىللىرى ۋە برونېۋىكلار چارلاش ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ.
رادىئومىزنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلغان مەلۇم بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قەشقەر شەھىرىدىمۇ 300 دىن ئارتۇق ئامما قەشقەرنىڭ ھېيتگاھ، گۈزە، خەلق مەيدانى قاتارلىق جايلارغا يىغىلىپ نامايىش قىلغان بولسىمۇ، ئەمما نامايىش ناھايىتى تېزلىكتە باستۇرۇۋېتىلگەن. ھازىر قەشقەر شەھىرىدىمۇ ساقچىلار ئوي - ئۆيگە كىرىپ ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ.