خىتاي، ئۇيغۇر ۋە تىبەت ياش - ئۆسمۈرلىرىگە ' مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى' تەربىيىسىنى كۈچەيتتى

2008 - بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئالدى ‏ - كەينىدە تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ۋە تىبەت ياش ئۆسمۈرلىرىگە قارىتا سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيە ھەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى كۈچەيتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008-12-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ ھەقتە بېرىتانىيە ئاخباراتىنىڭ 16 - دېكابىردىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىشىگە قارىغاندا، يېقىندا خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكى بىلەن مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەخسۇس "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى تېزىسى"نى تۈزۈپ تارقاتقان.

مەزكۇر يېڭى تۈزۈلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى تىزىسىدا، ھەر مىللەت ياش ئۆسمۈرلىرىنى ئۆزلىكىدىن جۇڭگونىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرىدىغان،سىياسىي ئىدىيىسى مۇستەھكەم قىلىپ تەربىيىلەش تەلەپ قىلىنغان.

بۇ تىزىستا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئەۋزەل سىياسەت قوللىنىۋاتقانلىقى، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلى زېمىنىنىڭ تارىختىن بۇيان خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى قاتارلىق مەزمۇنلار گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، دائىرىلەر مەزكۇر تىزىسنى ئۇيغۇر ۋە تىبەتتىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر يىلدا ئاز دېگەندە 8 سائەتتىن 14 سائەتكىچە دەرسلىك قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇقتۇرۇشى چۈشۈرگەن.

ئۇيغۇر ئېلى ھەمدە تىبەتتە ھەر ساھە بۇيىچە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى سىياسىي تەربىيىلەش داۋام قىلىۋاتقاندىن سىرت، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر پەيتتە، خەلقئارا ئاخباراتلارغا بايانات بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت "خىتايدا خىتايلار نوپۇسى %90 تىن يۇقىرى بولسىمۇ، ئاتالمىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى پەقەت ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئۆزىلا، خىتاينىڭ خىتاي بىلەن باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلمايۋاتقانلىقى ھەمدە ئۆزىنىڭ مىللىي ئايرىمىچىلىق، چوڭ مىللەتچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى،" دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت