ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ جىنسىي ئالاقە يولى ئارقىلىق يۇقۇش نىسبىتى ئاشماقتا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.12.02
2008.12.02
يەنى بۇ يىل ئۈچ پەسىلدىكى يېڭىدىن مەلۇم بولغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى3777 نەپەر بولۇپ بۇ سان بۇلتۇرقى بىر يىللىق ئەيدىز يۇقۇم ئىستاتىستىكا سانىدىنمۇ يۇقىرى ئىكەن.
ئىلگىرىكى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئاساسەن زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوخشاش شىپىرىستا ئوكۇل قىلغانلىق سەۋەبىدىن ئۆز ئارا يۇقۇملانغانلار يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىگەن بولسا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يۇقۇم سەۋەبلىرى بارغانسىرى مۇرەككەپلىشىۋاتقان بولۇپ، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئىچىدە پەقەت جىنسىي ئالاقە يولى ئارقىلىق يۇقتۇرۇۋالغۇچىلار %29 تىن ئاشىدىكەن. بۇ ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلەشنىڭ يەنىمۇ مۇشەققەتلىك بولىدىغانلىقىدىن سىگنال بەرمەكتە.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى سانى جەھەتتە خىتاي بويىچە تۆتىنچى ئورۇندا بولۇپ، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ئىچىدە 20 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكىلەر %90 ئىگىلەيدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر جىنسىي ئالاقە ۋاستىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاساسلىق ئەيدىز يۇقۇم يولىغا ئايلىنىشىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاققۇن نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى، بۇلارنىڭ ئىچىدە جىنسىي مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، تۈرلۈك جىنسىي مۇلازىمەت سورۇنلىرىنىڭ قالايمىقان ئەۋج ئېلىشى، جەمئىيەت ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلۇشى ھەمدە يەرلىك خەلقلەردە جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكى قاتارلىقلارنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.









