شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 24 - چېسلا چۈشتىن كېيىن ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رەھبىرى كادىرلار يىغىنىدا شى جىنپىڭ سۆز قىلغان ھەمدە مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى لى يۇئەنقاۋ مەركەزنىڭ ۋاڭ لېچۇئەننى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىزمىتىدىن قالدۇرۇش قارارىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا قىلغان سۆزىدە مەركەزنىڭ ۋاڭ لېچۇئەننى ئورنىدىن قالدۇرۇش قارارى ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ، "مەركەز شىنجاڭنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاساسىي رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى تەڭشەش مەركەزنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خىزمىتىنىڭ چوڭ ۋەزىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، شىنجاڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيىتى، خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن پۇختا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق چىقارغان قارار" دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ، يەنە "يولداش ۋاڭ لېچۇئەن سىياسىي جەھەتتىن قەتئىي، پارتىيىگە سادىق بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى" دەپ ۋاڭ لېچۇئەنگە باھا بەرگەن.
شى جىنپىڭ يەنە ۋاڭ لېچۇئەننىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەن جاڭ چۇنشەننى تونۇشتۇرۇپ، "مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئۇنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرىتارلىقىغا لايىق دەپ قارىغانلىقى"نى ئەسكەرتكەن.
بۇ يىغىندا يەنە جاڭ چۈنشەنمۇ سۆز قىلغان. مەركەزنىڭ ۋاڭ لېچۇئەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى 16 يىللىق ھۆكۈمرانلىق خىزمىتىدىن قالدۇرۇش يىغىنىغا ۋاڭ لېچۇئەن ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، "شىنجاڭ ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشەنچىسى، كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىغا رەھمەت ئېيتىمەن" دېگەن.