شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ئىپتار چېيى ھەم ئۇنىۋېرسىتېتقا ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۇزىتىش چېيى بەردى
2012.08.14
11-ئاۋغۇست شەنبە كۈنى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى بىلەن ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى بىرلىكتە، ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئىپتار چېيى بېرىپ، ۋەتەندە دىنىي ئېتىقادى چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىپ، ۋەتەندىكى شېھىت ۋە خىتاي تۈرمىلىرىدە ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى.
12-ئاۋغۇست يەكشەنبە ئىپتار ۋاقتىدا ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار يەنە بىر يەرگە يىغىلىپ، بۇ يىل ئۇنىۋېرسىتېتلارغا قوبۇل قىلىنغان پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئۇزىتىش چېيى بەردى. 12-ئاۋغۇست كۈنىدىكى يېڭى ستۇدېنتلارنى ئۇزىتىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار پائالىيىتىدە ئاتا-ئانىلار ئۇنىۋېرسىتېتقا ئۆتكەن ياشلارنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شەرەپ قازانغانلىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىللە، يېڭى بىر ئەۋلاد ياشلاردىن كۈتىدىغان سەمىمىي ئۈمىد ۋە تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.