ۋېن جاباۋنىڭ ئارمىيىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكنى تەكىتلىشىدە سەۋەب بار

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋ بېيجىڭدىكى ئىككى چوڭ يىغىندا، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئازادلىق ئارمىيىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى تەكىتلىگەندە، ئاڭلىغۇچىلار ۋېن جاباۋنىڭ تەلەپپۇزىغا ھەيران قالغان.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012-03-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ۋېن جاباۋ يىللاردىن بۇيان ئىككى چوڭ يىغىندا بۇ مەسىلىنى ھېچقاچان ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىغان ياكى بۇنداق ئالاھىدە تەلەپپۇزدا تەكىتلەپ باقمىغان ئىكەن. بۇ قېتىم ئۇ ھەتتا «يەرلىك ئۇرۇش» دېگەن ئاتالغۇنىمۇ قوللانغان، ئاڭلىغۇچىلار ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن، ئازادلىق ئارمىيە ئىچىدە بىر چوڭ ۋەقە يۈز بەرگەن ياكى بېرىۋاتقانلىقىنى سەزگەن. شۇنداقلا بۇ ھەقتە چوڭ غۇلغۇلا پەيدا بولغان.

سىنگاپور ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى بوجياۋنىڭ «ئامېرىكا ئاۋازى» غا بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ قانۇنىدا ھەربىي قىسىملارنى باشقۇرىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگان --- خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھازىر خىتايدا ھەربىي قىسىملارنى ئاساسەن باشقۇرالمايدۇ.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ھازىر ھېچقانداق رەھبەرلىك ھوقۇقى يوق، بۇ ئورگان ئادەتتە دۆلەت ئىچىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ھېچ قايسىغا ئارىلىشالمايتتى، ئەمدى بۇيىل بۇ ئالىي ئورگان ھەتتا خىتاينىڭ بىر تۇتاش ھەربىي خامچوتىدىنىمۇ خەۋەرسىز قالغان. ئازادلىق ئارمىيىنى دۆلەت ئارمىيىسىگە ئۆزگەرتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئازادلىق ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى جاڭ يېقىندا مەخپىي ھالدا ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلغان، ئۇ، بۇ قېتىمقى ئىككى چوڭ يىغىندا ھەممە مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى رەت قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت