خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى لاياقىتى ئافرىقىدىكى بەزى دۆلەتلەرگە يەتمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن غەربىي ياۋروپا ۋە ئامېرىكا سايلام ئىشلىرىدا ئەڭ دېموكراتىك دۆلەتلەر، دەپ باھالانغان بولۇپ، ئۇلارغا 12 نومۇر بېرىلگەن.
رۇسىيە 5 نومۇرغا، خىتاي بولسا ئاران بىر نومۇرغا ئېرىشىپ، كۇبا ۋە شىمالىي كورىيىلەر بىلەن بىر قاتاردىن ئورۇن ئالغان. دوكلاتتا برۇنېي، سەئۇدى ئەرەبىستان، لىۋىيە، قاتار، سومالى، سۇدان، تۈركمەنىستان، بېرما، ئېرىتىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە 0 نومۇر بېرىلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئېرىشكەن نومۇرى دۇنيادىكى ئەڭ ئىستىبدات دەپ قارالغان بۇ دۆلەتلەردىن ئاران بىر نومۇر پەرقلىنىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېركىلېي مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى ستېۋ فىش رەھبەرلىكىدىكى "تور - پارلامېنتى"، دوكلاتتا تۆۋەندىكى 3 نۇقتىنى ئاساس قىلىپ باھالاش ئېلىپ بارغان.
بۇ 3 نۇقتا نامزاتلار ئەركىن سايلىنالامدۇ ؟ سايلام ئادالەتلىك بولامدۇ ؟ نامزاتلارنىڭ سۆز ئەركىنلىكى بارمۇ - يوق ؟ دېگەن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
