خىتاي گۈەنتانامودىكى 2 ئۇيغۇر مەسىلىسىدە شۋېتسارىيىگە تەھدىت سالدى

خىتاي ھۆكۈمىتى شۋېتسارىيىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئاكا - ئۇكا ئۇيغۇرلاردىن ئەركىن مەھمۇت بىلەن بەختىيار مەھمۇتنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ، "شۋېتسارىيىنىڭ قارارى خىتاي - شۋېتسارىيە مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ،" دەپ ئاگاھلاندۇردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-02-04
Share

شۋېتسارىيە بولسا يۇقىرىقى ئىككى ئۇيغۇرنىڭ بىخەتەرلىككە تەھدىت يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنى قوبۇل قىلىشتا ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ما جاۋشۇي پەيشەنبە كۈنلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاي تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىنى خىتاي - شۋېتسارىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈش سۆھبەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

"بۇ قارار جۇڭگو - شۋېتسارىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ" دەپ تەكىتلىگەن ما جاۋشۇي، گۈەنتانامودىكى بۇ كىشىلەر شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى بولسا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ، شۋېتسارىيىنىڭ بۇ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، "شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى نامايەن قىلىپ، خىتاينىڭ تىنىمسىز بېسىمىغا قارىماي بۇ ئىككى كىشىنى قوبۇل قىلغانلىقى پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەتلىك،" دەپ كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت