خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى تىبەت بايرىقى تۈپەيلى چېخىيە پارلامېنتىنى تەرك ئەتتى

چېخىيەدە زىيارەتتىكى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى پەيشەنبە كۈنى چېخىيە پارلامېنتىدىكى يېشىللار پارتىيىسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تىبەت بايرىقىنى چىقارغانلىقى تۈپەيلى چېخ پارلامېنت زالىنى تەرك ئەتكەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008.09.26

چېخىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى پراگاغا كېلىپ، چېخىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى ئەرز ‏ - شىكايەت كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى ئىدى.

چېخىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى كاتىرېنا جەكس يېشىللار پارتىيىسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئاقلاپ، " بىز خىتاي ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتتە ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە تىبەت مەسىلىسىدىكى تۇيغۇنلىقىمىزنى ئىپادىلىدۇق " دەپ تەكىتلىگەن.

چېخىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئوربىتىسىدىكى شەرقىي ياۋروپا ئەللىرى ئىچىدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە تىبەت مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر.

2007 ‏ - يىلى 6 ‏ - ئايدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ بۇش بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى چېخىيە پايتەختى پراگادا ئېلىپ بېرىلغان. لېكىن يېشىللار پارتىيىسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەرىكىتى چېخ كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. چېخىيە مەتبۇئاتلىرى چېخ كوممۇنىستىك پارتىيە پارلامېنت ئەزاسى پاۋېل كوۋاچىكنىڭ يېشىللار پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەرىكىتىنى " ئىغۋاگەرچىلىك ۋە بالىلارچە ھەرىكەت " دەپ تەنقىد قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ يىل 8 ‏ - ئايدا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى باشلىنىشىدىن بۇرۇن چېخىيە باش مىنىستىرى مىرېك توپولانېك ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى، لېكىن ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغاندا مەيدىسىگە تىبەت ئىزنىكى تاقىۋالغان ئىدى. بۇ خىتاي دائىرىلىرىنى ناھايىتى بىئارام قىلغان.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.