خىتايدا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يەنە پىچاق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە جۈمە كۈنى پىچاقلىق بىر ئادەم يەنە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.12.14

بىراق بۇ قېتىم ئادەم ئۆلمىگەن بولسىمۇ، 22 ئوقۇغۇچى ۋە بىر كىشى يارىلانغان. بۇ يىل 36 ياشلاردىكى شۇ يېزىلىق مىڭ يىڭجۈن پىچاق كۆتۈرۈپ، ئەتىگەن سائەت 8:00 لەردە، خېنەننىڭ گۇاڭشەن ناھىيىسى چېنپىڭ يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئالدىدا دەرسكە كىرىپ كېتىۋاتقان بالىلارغا ھۇجۇم قىلغان. ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىن يىڭجۈن ئالدى بىلەن بىر ئايالغا پىچاق سالغان.

ئۇ، بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن بوي سۇندۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، 20 نەچچە بالىنى يارىلاندۇرغان. خىتاي دائىرىلىرى 2010‏-يىلى مۇشۇ خىلدىكى ۋەقەدە 20 دەك ئوقۇغۇچى ئۆلگەندىن كېيىن، بارلىق مەكتەپلەرگە ئامانلىق خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان.

دائىرىلەر، بۇ خىل ۋەقە سادىر قىلغان كىشىلەرنى نېرۋىسىدىن ئاداشقانغا چىقارسىمۇ، بىراق جەمئىيەتشۇناسلار ۋە پسىخولوگلار جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي ئادالەتسىزلىك كىشىلەرنى بۇ خىل ئۈمىدسىزلىككە مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن. مىن يىڭجۈننىڭ ۋەقە تېرىشتىكى مەقسىتى مەلۇم ئەمەس. گۇاڭشەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تور ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.