خىتاينىڭ زەھەر يېمەكلىرىنى ھازىر خىتايلار ئۆزلىرىمۇ سېتىۋالمايدۇ
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەندە بۈگۈندىن باشلاپ خىتايدا ئىشلەنگەن سۈت يېمەكلىرىلا ئەمەس، ئۇنىڭدىن باشقا كۆكتات مەھسۇلاتلىرى، ھەتتا سەندۇڭدىن كىرگۈزۈلگەن 'لىپتون' ماركىلىق سۈتلۈك كۆك چايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 160 خىل خىتاي يېمەك - ئىچمەكلىرى بازاردىن چېكىندۈرۈلۈشكە باشلىغان.
رادىئومىز مۇخبىرى دىڭ شاۋنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا 'سەنلۇ' ماركىلىق زەھەرلىك سۈت پاراشۇكى سەتچىلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، گۇيياڭ شەھىرىدە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغان دۇكانلارغا مال قايتۇرۇپ، پۇلىنى تەلەپ قىلىدىغان خېرىدارلار سەپ بولۇپ تۇرۇپ كەتكەن.
دۇكاندارلار خېرىدارلارغا ھەر خىل سەۋەب كۆرسىتىپ جېدەل چىققاندا، كوممۇنىست خىتاي ساقچىلىرى مال قايتۇرىدىغان خېرىدارلارنى 'ئاققۇنلار'، 'قانۇنغا رىئايە قىلمايدىغان كىشىلەر'، 'تۈرمىدىن چىققانلار' دېگەندەك بەتناملار بىلەن ئەيىبلەپ زەربە بېرىشكە ئۇرۇنغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىر خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سېتىۋالغان يېمەكلىكلەرنى قايتۇرىدىغان خېرىدارلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.