خاڭجۇدا مەجبۇرىي ئۆيىدىن كۆچۈرۈش سەۋەبىدىن بىر كىشى ئۆلگەن
پەيشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىگە قاراشلىق يۈخاڭ رايونى ساڭچەن جېڭلىڭ كەنتىنىڭ ئاھالىلىرى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا قاتتىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
-
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008-10-23 -
-
-
خىتايدا دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ، تېگىشلىك ھەق بەرمەسلىك سەۋەبىدىن ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن قېتىم، دېھقانلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، خاڭجۇدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 5 يۈز كىشىلىك ساقچى ۋە بىخەتەرلىك قوغدىغۇچى خادىملىرىنى ساڭچەن جىڭلىڭ كەنتىدىكى يەرنى تارتىۋېلىشقا ئەۋەتكەن. 400 گە يېقىن كەنت ئاھالىسى يەرنى تارتقۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن تىركەشكەن، نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 6 نەپەر دېھقان قولغا ئېلىنغان.
بۇنىڭدىن سىرت، پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن خاڭجۇ جاڭگەن رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر كىشى، مەجبۇرىي ئۆيىدىن كۆچۈرۈلۈش جەريانىدا، ئۆي ئىچىدە كۆيۈپ ئۆلگەن.