بۇ يىل مايدا خىتايغا سېلىنغان بىۋاسىتە چەتئەل مەبلىغى يەنە تۆۋەنلىگەن

خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، بۇ يىل مايدا خىتايغا سېلىنىدىغان بىۋاسىتە چەتئەل مەبلىغى يەنە تۆۋەنلىگەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل تۆۋەنلەش 8 - ئېيىغا قەدەم قويغان.

بۇ سۆزلەرنى خىتاي سودا مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ياۋ جيەن دۈشەنبە كۈنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل مايدا خىتايغا سېلىنغان چەتئەل مەبلىغى جەمئىي 6.4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 17.8% تۆۋەنلىگەن.

ياۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، خىتايغا سېلىنىدىغان بىۋاسىتە چەتئەل مەبلىغى، توختاملىق چەتئەل مەبلىغى تۆۋەنلەپ قالماي، يېڭىدىن خىتايغا مەبلەغ سالىدىغان چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ سانىمۇ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن بولۇپ، بۇ خىل تۆۋەنلەش 1999 - يىلدىكى ئىقتىسادى كرىزىسىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم مەيدانغا كەلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايغا مەبلەغ سالغۇچى چەتئەل شىركەتلىرى سانىمۇ بۇ يىل ئاپرېلدا ئۆتكەن يىلدىكىگە قارىغاندا 22.5% تۆۋەنلىگەن.