خۇجيا ئۆزىگە بېرىلگەن ساخاروف مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلالمىدى

ياۋرۇپا پارلامېنتى چارشەنبە كۈنى، خىتاي ئۆكتىچى خۇ جيانى ساخاروف كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بىلەن رەسمىي مۇكاپاتلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008-12-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خۇ جيا ھازىر خىتاي تۈرمىسىگە قامالغانلىقى ئۈچۈن، فرانسىيىنىڭ شىمالىدىكى ستراسبورگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن بېرىلگەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالالمىغان. ئەمما خۇنىڭ ئايالى زىڭ جىڭيەننىڭ ياۋرۇپا پارلامېنتىغا بىلدۈرگەن مىننەتدارلىقى، سىن ئالغۇ لېنتىسى ئارقىلىق مۇراسىم ئىشتىراكچىلىرىغا يەتكۈزۈلگەن.

زىڭ جىڭيەن سۆزىدە، ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ بۇ يىللىق ساخاروف كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بىلەن خۇ جيانى مۇكاپاتلىغانلىقىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: "مەزكۇر مۇكاپات يالغۇز خۇ جياغىلا ئەمەس، بەلكى جۇڭگودىكى بارلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە ھەمدە ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا بېرىلگەن مۇكاپات ھېسابلىنىدۇ" دېگەن.

زىڭ جىڭيەن سۆزىدە يەنە، خىتايدىكى قاتتىق سىياسىي بېسىمغا پەرۋا قىلمىغان، بىر قىسىم ۋىجدان ئىگىلىرىنىڭ ھەقىقەت ۋە ئادىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ ئارىدا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق دوختۇرلىرى تەشكىلاتى بىرلىكتە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كېسەلگە گىرىپتار بولغان خۇ جيانىڭ تۈرمە ئىچىدە داۋالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت