ياپونىيە باش ۋەزىرى خىتاينىڭ ئەپۇ سورىشىنى تەلەپ قىلدى

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابې جۈمە كۈنى ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە قىلغان سۆزىدە، بېيجىڭنىڭ خىتاي ئۇرۇش پاراخوتى خەلقئارا دېڭىزدا ياپونىيە ھەربىي پاراخوتىنى رادارغا سېلىپ نىشانغا ئالغانلىقىدىن ئەپۇ سورىشىنى تەلەپ قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.02.08

ياپونىيە جىجى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىنزۇ ئابې: بىز خىتاينىڭ رادارغا سېلىپ نىشانغا ئېلىش ۋەقەسىنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭدىن ئەپۇ سورىشىنى ۋە تەدبىر قوللىنىپ، بۇ خىل ۋەقەنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېگەن.

شىنزۇ ئابې بۇ سۆزلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيە ھەربىي پاراخوتىنى نىشانغا ئالغانلىقىنى رەت قىلغان پەيتتە قىلدى.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ياپونىيە ھەربىي پاراخوتىنى نىشانغا ئالغانلىقىنى رەت قىلغان. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا: ياپونىيىنىڭ ئاتالمىش «جۇڭگو ئۇرۇش پاراخوتى ياپونىيە پاراخوتىنى ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى نىشانغا ئالدى» دېگەن سۆزى توغرا ئەمەس، دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي يەنە: جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە تەرەپنىڭ ئەمىلى تەدبىر قوللىنىپ، شەرقىي دېڭىزدا جىددىيلىك يارىتىشتىن، مەسئۇلىيەتسىز بايانلاردا بولۇشتىن ساقلىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېگەن.

لېكىن، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فومىئو كىشىدا خىتاي تەرەپنىڭ باياناتىنى رەت قىلىپ، بۇنى « قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىشىچە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سانلىق مەلۇماتلارنى ئىنىچىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ ئارقىلىق، خىتاي ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ياپونىيە پاراخوتىنى راداردا نىشانغا ئالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.