رويتېرستا نەقىل قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ " يادرو قوراللىرى بولمىغان دۇنيا" قارىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، " خىتاي يادرو قوراللىرىنى بارغانچە ئېغىرلاشتۇرۇۋاتىدۇ، ئۇ ھازىرغىچە يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش جەھەتتە ھېچقانداق تەدبىر قوللانغىنى ھەمدە يادرو قوراللىرىنىڭ سانى ھەققىدىمۇ ھېچقانداق ئۇچۇر بەرگىنى يوق،" دېدى.
خروفۇمى ناكاسونې يەنە، ياپونىيىنىڭ كېلەر يىلى 2010 - يىلىدىكى يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش شەرتنامىسىگە قاراپ چىقىش يىغىنىدىن ئىلگىرى يادرو قوراللىرىنى چەكلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ساھىبخان بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
خىتاينىڭ ھەربىي خام چوتىدا ئاشكارا بولماسلىق مەسىلىسى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلەرنىڭ بىرى.
خىتاي 2008 - يىلى ھەربىي خام چوتىنى 2007 - يىلىدىكىگە قارىغاندا 17 پىرسەنتتىن يۇقىرى نىسبەتتە كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، بۇ ، دۇنيا خاراكتېرلىك ئىنكاس قوزغىغان ھەمدە بەزى ھەربىي ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئەمەلىي ھەربىي سېلىنمىسىنىڭ ئېلان قىلغاندىكىدىنمۇ يەنە نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.