يېقىندا تۇرپانلىق مۇھاجىرلاردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، تۇرپاننىڭ چاتقال يېزىسىدا تاللا بازىرى ئاچقان قۇدرەت مۆمىننىڭ 2017-يىلى ئەتىيازدا لاگېرغا ئەكېتىلگەندىن بېرى ئائىلىسىگە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەنلىكى، بۇ ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ، تۇرپاندىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكى سەۋەبلىك قۇدرەت مۆمىن ھەققىدە ئەھۋال سۈرۈشتە قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغانىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا 35 ياشلاردىكى قۇدرەت مۆمىننىڭ 3 يىلدىن بۇيان ئىز-دېرىكى يوقلۇقى كەنت كادىرلىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى.
تۇرپانلىق مۇھاجىرنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، چاتقال يېزىسىدا مەلۇم بىر مەھەللىدىن لاگېرغا ئەكېتىلگەن كىشىلەردىن كۆپىنچىسىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى ۋە بىر قىسمىنىڭ تېخىچە لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا ھەر خىل يوللار بىلەن ئۇقتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما 35 ياشلىق قۇدرەت مۆمىن ھەققىدە ئائىلىسىگە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان چاتقال يېزىلىق بىر ساقچىخانا خادىمى چاتقال يېزىسىدا تاللا بازىرى ئاچقان قۇدرەت مۆمىن ئىسىملىك بىرى بارلىقى ۋە «كەنت زومىگىرى» دېگەن ئەيىبلىمە بىلەن 3 يىلنىڭ ئالدىدا لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
ئىنكاستا دېيىلىشىچە، ئەسلىدە بىر تاللا بازىرىنىڭ ساھىبى بولغان قۇدرەت مۆمىننىڭ ئىنىسى ۋە ئايالى قۇدرەت مۆمىن ھەققىدە كۆپ قېتىم كەنت كادىرلىرىدىن مەلۇمات سورىغان؛ ئەمما، ئۇنىڭ تىرىكلىكى ۋە نەدىلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالالمىغان. قۇدرەت مۆمىننىڭ ئايالى يېزىلىق ساقچىخانىدىن مەلۇمات سورىغىنىدا تەھدىتكە ئۇچرىغان يەنى ساقچىلار ئۇنىڭغا قۇدرەت مۆمىن ھەققىدە پەقەتلا ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ئۇچۇر ساقلاشنى بۇيرۇغان. ساقچىلار يەنە ئەگەر قايتا سۈرۈشتە قىلسا ئاقىۋىتىنىڭ ئېرىدىن پەرقلىق بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. مەزكۇر خادىم قۇدرەت مۆمىننىڭ بۇ تەھدىتكە ئۇچرىغان ئايالىنىڭ نۆۋەتتە بىر دوختۇرخانىدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئىنكاستا بايان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە تاللا بازىرىنى ماڭدۇرۇۋاتقان ئىنىسى دۇكاننىڭ ئېتىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئاكىسى ھەققىدە ئەھۋال سۈرۈشتە قىلىپ كەنت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھېچقانداق بىر ئورگانغا بارالمىغان. مەزكۇر ساقچى خادىمى قۇدرەت مۆمىننىڭ ئائىلىدە ئۈچ قېرىنداش ئىكەنلىكى ۋە تاللا بازىرىنىڭ ئىنىسى تەرىپىدىن ماڭدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
تۇرپانلىق مۇھاجىرنىڭ ئىنكاسىدا، چاتقال يېزا تەۋەسىدە لاگېرغا ئەكېتىلگەنلەردىن ئىز-دېرىكى ئېلىنمايۋاتقانلارنىڭ يالغۇز قۇدرەت مۆمىن ئەمەسلىكى، بۇنداق ئاقىۋەتتىكىلەرنىڭ ھەر بىر كەنت ۋە مەھەللىدە مەۋجۇتلۇقى ئەسكەرتىلگەن. ئىنكاستا يەنە چاتقال يېزىسىدىن لاگېرغا ئەكېتىلگەنلەردىن 3 يىل ئىچىدە يېرىمىغا يېقىنىنىڭ كېسىلىپ كەتكەنلىكى، بىر قىسمىنىڭ تېخىچە لاگېردا ئىكەنلىكى، ئەمما يەنە بىر قىسىمىدىن ھېچقانداق ئۇچۇر يوقلۇقى قەيت قىلىنغان. چاتقالدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىملار، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ توغرا-خاتالىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.
چاتقال يېزىسىدىكى بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرى قۇدرەت مۆمىن بىلەن بىرلىكتە ھەسەن ئابلىمىت قاتارلىق ئۈچ كىشىنى لاگېرغا ئەۋەتىلىش ئۈچۈن ئۆزى قولى بىلەن ساقچىخانىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇ قۇدرەت مۆمىننىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ ھېچقانداق مەلۇماتى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.
تۇرپانلىق مۇھاجىرنىڭ ئىنكاسىدا قۇدرەت مۆمىننىڭ لاگېردا كېسىۋېتىلىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەنلىك ۋە ياكى لاگېردا جان ئۈزگەنلىك ئېھتىماللىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
0:00 / 0:00