شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ساقچىسى: راھىلە داۋۇت دېھقانلار بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدا قۇتراتقۇلۇق قىلغان
2021.07.02

گەرچە ئۇيغۇر رايونىدا 2017-يىلدىن كېيىنكى تۇتقۇندا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسىمۇ، دائىرىلەر يەنە قەغەز يۈزىدە ياكى ئېغىزدا ھەرقايسى تۇتقۇنلارغا ئوخشىمىغان قالپاقلارنى كىيدۈرگەنلىكى مەلۇم. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى راھىلە داۋۇتنىڭ مازار تەتقىقاتى ۋە بۇ تەتقىقاتنى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا دۇچ كەلگەن توسالغۇلارنى يەرلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئورگانلار بىلەن زاكونلىشىپ ھەل قىلىشى، جەمئىيەتتە قۇتراتقۇلۇق پەيدا قىلىش دەپ ئەيىبلەنگەن.
ئالدىنقى ھەپتە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، خادىملار گەرچە راھىلە داۋۇتنىڭ تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ جازا مۇددىتى ۋە كېسىلىش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەنىدى. بۇ ھەپتە ئىزچىل ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئالاقىدار خادىملاردىن بىرى راھىلە داۋۇتنىڭ كېسىلىش سەۋەبى ھەققىدە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ساقچى خادىملىرىدىن ئېنىق مەلۇمات ئېلىش مۇمكىنچىلىكىمىز بارلىقىنى بايان قىلدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىر ساقچى خادىمى، ئۆزىنىڭ راھىلە داۋۇتنىڭ ئاتالمىش جىنايىتى ھەققىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا راھىلە داۋۇتنىڭ دېھقانلار بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقى خاتىرىلەنگەن. مەزكۇر خادىم، ئۇقتۇرۇشتىكى قالغان ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
راھىلە داۋۇتنىڭ سابىق خىزمەتدىشى، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى مېھراي مەمتىلى خانىم، راھىلە داۋۇتنىڭ قۇتراتقۇلۇق بىلەن ئەيىبلىنىشىگە سەۋەب بولغان ئېھتىماللىقلار ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، راھىلە داۋۇت خىتاي دۆلەتلىك تەتقىقات تۈرى بويىچە ئۇيغۇر مازارلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە بۇ تەتقىقات بېيجىڭدىكى داڭلىق بىر خىتاي تەتقىقاتچىنىڭ يېتەكلىشى ۋە كۆرسەتكەن مېتودلار بويىچە ئېلىپ بېرىلغان. ئەمما ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرگە قارىتا خېلى بۇرۇندىنلا ھەر خىل چەكلىمە ۋە زەربىلەر داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، راھىلە داۋۇتنىڭ تارىم ۋادىسىدا ئېلىپ بارغان مازار تەتقىقاتى ھەر خىل توسالغۇلارغا دۇچ كەلگەن. راھىلە بۇ توسالغۇلارنى بۆسۈش ئۈچۈن بەزىدە يەرلىك ئەمەلدارلارغا، بەزىدە ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقىدار ئورگانلارغا مەزكۇر تەتقىقات تۈرىنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرگەن ۋە گېزى كەلگەندە بەزى مازار ھەم ئۆرپ-ئادەتلەرگە قويۇلغان چەكلىمىنىڭ خاتا بولغانلىقىنى ئوچۇق ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان. يەنە ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، راھىلە داۋۇتنىڭ يېزىلاردا دېھقانلار ئېغىزدىن چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالمىغان بىر قىسىم تەلەپلەرنى تەتقىقات زۆرۈرىيىتى بىلەن دادىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇشى، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنى سۆيۈندۈرگەن ۋە جاسارەتلەندۈگەن؛ ئەمما بۇ ھەققانىي سۆزلەر بەزى ئەمەلدارلارنى قايىل قىلغان بولسا، يەنە بەزى خىتاي ئەمەلدارلىرىدا غۇم پەيدا قىلغان. مېھراي مەمتىلىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، راھىلە داۋۇتنىڭ ئاتالمىش قۇتراتقۇلۇق جىنايىتىگە تەتقىقات داۋامىدىكى يۇقىرىقى جەريانلار سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن.
تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەتنىڭ پەرەز قىلىشىچە، راھىلە داۋۇت شۇغۇللانغان مازار تەتقىقاتى ساھەسىنىڭ سىياسەت بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى بولمىسىمۇ، ئەمما، بۇ ساھە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى مىراسلىرى ۋە مىللىي كىملىكى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغاچقا، بۇ ساھە ئۈستىدىكى تەتقىقات خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش پىلانىغا قارىتا بىر تىركىشىش ياكى جەڭ ئېلان قىلىش دەپ قارالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆز خەلقىگە، ئانا زېمىنىغا، تارىخىي مىراسلىرىغا قارىتا مېھرى-مۇھەببىتى ۋە ئىپتىخار تۇيغۇسى خىتاي تەرەپكە تەھدىت كۆرۈلگەن. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى، راھىلە داۋۇتقا زەربە بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ئۇزاق تۇرۇش، ئۈركۈش ۋە ئاخىرىدا تېنىش كەيپىياتى ياراتماقچى بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، راھىلە داۋۇت خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرناللاردا ئون نەچچە پارچە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان ۋە ئۆز ساھەسىدە نوپۇز تىكلىگەن بىر ئىلمىي خادىملىق سۈپىتىدىن باشقا يەنە، پرىنسىپال مەسىلىلەردە ئوچۇق پىكىرلىكى، دوستلار ئارا مۇناسىۋەتلەردە قىزغىن ۋە دۇرۇسلۇقى بىلەنمۇ دوست ۋە كەسىپداشلىرى ئارىسىدا ئۇنتۇلماس تەسىر قىلدۇرغان. راھىلە داۋۇتنىڭ قىزى ئەقىدە پولاتنىڭ ئانىسى ئۈچۈن تەييارلىغان مەخسۇس تور بەتتىكى كۆڭۈل ئىزھارلىرىدا، دوكتور ريان سام راھىلە داۋۇتنىڭ كىشىلىك پەزىلەتلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇسا؛ پروفېسسور جەيمىس مىلۋارد ئۇنىڭ كەسىپچانلىقىغا قايىللىقىنى بىلدۈرگەن.
خەلقئارادا تونۇلغان بۇ تەتقىقاتچىلار ۋە ئۇنىڭ چەتئەلدىكى بىر قىسىم دوستلىرى ئۆزلىرىنىڭ باياناتلىرىدا، بىردەك ھالدا راھىلەدەك بىر ياراملىق ئىلمىي خادىمنىڭ قاماقخانىدا نابۇت قىلىنىشى، يالغۇز شۇ بىر ئالىمغىلا ئەمەس، بەلكى ئالەمگە قىلىنغان بىر زىيانكەشلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بىر تەرەپتىن خىتاي دائىرىلىرىنى راھىلەنى شەرتسىز ۋە دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرسا، يەنە بىر تەرەپتىن، راھىلە داۋۇتنىڭ قاراڭغۇ كامېردا ساغلام ۋە تىك تۇرۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن. راھىلە داۋۇتنىڭ قىزى ئەقىدە پولاتمۇ، ئانىسى ئەركىنلىككە ئېرىشمىگىچە، ئاخبارات كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
يۇقىرىدا، تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان پروفېسسور راھىلە داۋۇتنىڭ مازار تەتقىقاتى داۋامىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.