نۇرنىسا قۇربان: «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى خىلمۇ خىل شەكىلدە ئاڭلىتىشنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدىكەن»
2022.04.28
ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ كىتاب كۆرگەزمىلىرىدىن بىرى بولغان لوس-ئانژېلىس كىتاب كۆرگەزمىسىنىڭ 2022-يىللىق پائالىيىتى يېقىندا جەنۇبى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن. لوس-ئانژېلىس ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇ كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتايلى» دېگەن تېمىدا كىتاب ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەن؛ بۇ كۆرگەزمىدە ئۇلار خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاتقان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن تارىختىكى پاجىئەلىك قىسمەتلىرىگە بېغىشلانغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇپ، ئامېرىكا جەمئىيىتىنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئېلىشقا ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.
ئىگىلىشىمىزچە، لوس ئانژېلىس كىتاب كۆرگەزمىسى 1996-يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، كالىفورنىيە ۋە ئامېرىكانىڭ باشقا شىتاتلىرىدىن بولۇپ، تەخمىنەن 150 مىڭ كىشى بۇ كۆرگەزمىگە كېلىدىكەن. كۆرگەزمىدە كىتابلارنى كۆرگەزمە قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇش، كىتاب ئاپتورلىرى ياكى نەشرىيات مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ پاراڭلىشىش، گۇرۇپپىلار بويىچە مۇھاكىمە سۆھبەتلىرى ئۆتكۈزۈش، داڭلىق ئەسەرلەرنى يازغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئاۋازىدىن ئاڭلاش، مۇزىكا ئورۇنداش ۋە باشقا سەنئەت پائالىيەتلىرىنى كۆرسىتىش ئاساس قىلىنىدىكەن.
بىز بۇ قېتىملىق لوس-ئانژېلىس كىتاب كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان لوس ئانژېلىس ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان مائارىپچى ۋە پائالىيەتچى نۇرنىسا قۇربان خانىمنى ۋە سېئاتېلدىن بۇ كۆرگەزمىگە كېلىپ ئۇلارغا مەدەت بەرگەن ئۇيغۇرشۇناس بېل كلارك ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. تۆۋەنكى سۆھبەت ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.