رەيھان ئەسەت: خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىغا تاقابىل تۇرىدىغان خەلقئارالىق قانۇن چىقىرىش تەخىرسىز ئىشتۇر

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2024.01.26
atlantic-council-atlantik-kengishi-reyhan-eset.jpg نيۇ-يورك شەھىرىدىكى داڭلىق ئاقىللار مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاتلانتىك كېڭىشى (Atlantic Council) چاقىرغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئاتلانتىك كېڭىشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئادۋوكاتى رەيھان ئەسئەت رىياسەتچىلىك قىلدى. 2022-يىلى 19-سېنتەبىر.
atlanticcouncil.org

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە قازاق گۇۋاھچىلارغا داۋاملىق تەھدىت سېلىپ كەلمەكتە.

ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار، شۇنداقلا خىتاي ئۆكتىچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقى سەۋەبلىك، ئامېرىكادىكى فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى 2024-يىلى 22-يانۋار كۈنى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس ئالاقىلىشىش قوللانمىسىنى تارقاتقان.

قوللانمىدىكى ئۇقتۇرۇشتا، تېكساس شىتاتىدا خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى سۆز قىلىۋاتقان ئامېرىكالىق خىتايلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە خىتاينىڭ تور ھۇجۇمى ئارقىلىق پاراكەندىچىلىك سېلىشى مۇمكىنلىكى ئېيتىلغان ھەمدە بۇ تەھدىتلەرگە يولۇققۇچىلار ئۈچۈن قىزىق لىنىيەلىك تېلېفون ۋە بەزى مۇداپىئە كۆرسەتمىلىرى بېرىلگەن.

بۇنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشلىرىغا قارشى مۇھاپىزەتچىلەر تەشكىلاتىمۇ ئۆزىنى قوغداش كۆرسەتمىسىنى ئۇيغۇر يېزىقىدا ئېلان قىلغانىدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ باشلىقى لاۋرا ھارت (Laura Harth) خانىم ئۆتكەن يىل 9-ئاينىڭ12-كۈنى X دا ھەمبەھىرلىگەن بۇ كۆرسەتمىدە، يالغۇز ئامېرىكىدىلا ئەمەس كانادا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، بېلگىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلىرىدىن ۋە قانۇنىي ئورگانلىرىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ يوللىرى كۆرسىتىلگەن ۋە ئالاقىلىشىش نومۇرلىرى بېرىلگەنىدى.

 ئىلگىرى ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەشكىلاتلار، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى ۋە ئادۋوكاتلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئامېرىكا ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە كۈپ قېتىم نەق مەيداندا ۋە توردا تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان تەھدىتلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

 ئەلفىدارنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى يىللاردا تۈرمە-لاگېرلاردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۈچۈن ئاۋاز چىقارغان ئۇيغۇرلارنىڭ جىمىپ كېتىشى خىتاينىڭ ئۇلارنى نىشان قىلغان تەھدىتلىرى ۋە بېسىمىنىڭ تەسىرىدىن ئىكەن. ئۇ، «بۇ خىل زىيانكەشلىككە تاقابىل تۇرۇشنىڭ يولى پەقەت بۇ بېسىمغا باش ئەگمەي، ئۇنى پاش قىلىش» دەپ ئەسكەرتتى.

 ئەنگلىيەدىكى شېفىلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ لېكتورى داۋىد توبىن (David Tobin) ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچى نىيرۇلا ئەلىما (Nyrola Elima) بىرلىكتە تەييارلىغان «خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار» ناملىق دوكلاتى بۇلتۇر 4-ئايدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كۈچلۈك دىققەت قوزغىغانىدى. ئەنگلىيە، تۈركىيە ۋە تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان 200 دىن ئارتۇق كىشىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق تەييارلانغان بۇ دوكلاتتا، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان بېسىمىنىڭ كۆلىمى يورۇتۇپ بېرىلگەن بولۇپ،

 خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى پەقەت ئۆكتىچى ھەم پائالىيەتچى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بولسا، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى تەقىبكە ئېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم قىلىش ئۇسۇلى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىش، يۇرتىدىكى ئاتا-ئانا ۋە يېقىنلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش بىلەنلا چەكلەنمىگەن؛ بەلكى ئۇلارنى ئۈندىدار ئارقىلىق ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتۈرۈش، ماددىي جەھەتتىن قىزىقتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، «ئەگەر سەن دېگىنىمىزگە كۆنسەڭ، بىزمۇ ساڭا ياخشىلىق قىلىمىز» دېگەندەك تاكتىكىلارنىمۇ ئىشلەتكەن.

  ئامېرىكادىكى قەلبىنۇر غېنى خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان تەھدىتىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. ئۇ ئىلگىرى رادىيومىز ۋە باشقا مەتبۇئاتلارغا خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان ئۇچۇرلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى پاش قىلغانىدى.

قەلبىنۇر غېنىنىڭ چەرچەن ناھىيەسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان ھەدىسى رەناگۈل غېنى 2018‏-يىلى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپ، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا 17 يىل كېسىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ دادىسى تۈگەپ كەتكەندە ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن 7 يىل، دىنىي كىتاب ساقلىغانلىقى ئۈچۈن 10 يىل كېسىلگەنلىكى مەلۇم.

-25 يانۋار كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قەلبىنۇر غەنىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى قاتارلىق مەتبۇئاتلارغا بايىنغولىن ئوبلاستلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ قىلمىشلىرىنى پاش قىلغاندىن كېيىنلا، ئۇلار پاراكەندىلىك سېلىشنى توختاتقان.

 ئامېرىكادىكى خىتاي كۆزەتچىلىرىدىن چېن پوكۇڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

 «توغرا، ئامېرىكىدا خىتاي ئۆكتىچى كۈچلەر، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر توختىماي خىتاينىڭ مۇشۇ خىل چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ۋە زىيانكەشلىكىگە داۋاملىق ئۇچراپ كەلمەكتە. ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى قاتارلىق قانۇن ئورگانلىرى خېلى بۇرۇنلا بۇنىڭغا تاقابىل تۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى قوغدايدىغان قانۇن ۋە تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك ئىدى. خىتاي ئۆزىنىڭ ھاكىممۇتلەق سىياسىتى ۋە زۇلۇملىرىنى دۆلەت ئىچىدە يۈرگۈزۈپلا قالماي، بۇنى چەتئەللەرگىچە كېڭەيتمەكتە. زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى قوغداش توغرۇلۇق تەدبىر قوللانغاندا، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ چەكلىگىلى بولىدۇ. »

 خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 23-يانۋار جەنۋەدە باشلانغان «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قەرەللىك قاراپ چىقىش يىغىنى» دا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى ۋەكىللىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرگەن؛ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇئامىلىسىگە بولغان ئەندىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان ۋە خىتاينى كۈچلۈك تەنقىد قىلغان.

ئامېرىكانىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ئەلچىسى مىشېل تەيلور (Michèle Taylor) خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەنگەن بولۇپ، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرى مەسىلىسىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز شىنجاڭدا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى، پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا، جۈملىدىن ئىچكى موڭغۇل، تىبەتتە يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى، شۇنداقلا چەت ئەللەردىكى شەخسلەرنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باستۇرۇشلارنى ئەيىبلەيمىز. »

 ئامېرىكا ۋەكىلىنىڭ باياناتى ئامېرىكانىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ھەمدە مىشېل تەيلور خانىمنىڭ «X» تىكى تور بېتىدە ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىمۇ ئېلان قىلىنغان.

جەنۋەدە داۋاملىشىۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىپ، -24 يانۋار نيۇ-يوركقا قايتىپ كەلگەن ئادۋوكات رەيھان ئەسەت خانىم، جەنۋەدىكى يىغىن جەريانىدا خىتاينىڭ خەلقئاراغا كېڭەيگەن باستۇرۇش قىلمىشلىرى ۋە ئۇنىڭغا قانداق قارشى تۇرۇش تېمىلىرىدا مۇزاكىرىلەر بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئامېرىكىدىكى زىيانكەشلىك ئوبيېكتلىرىنى قوغدىغىنى بىلەن ئۇلارنىڭ ۋەتىنىدىكى ئائىلىسىنى قوغداشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىدەك بىر بوشلۇق بارلىقنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىدا ياكى چەتئەللەردىكى پائالىيەتلىرىمىز ئۈچۈن ۋەتەندە قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنىڭ جازالىنىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. خىتاينىڭ خەلقئارادىكى چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەخسۇس ۋە كۈچلۈك قانۇن چىقىرىش تولىمۇ تەخىرسىز بىر ئىشتۇر».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.