مۇھاجىر سانىيە خانىم: دوستۇمنىڭ ئوغلىنى ئۆيلەش پىلانىنى خىتاينىڭ 100 كۈنلۈك زەربە دولقۇنى بەربات قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2022.08.15
Rifat-Enwer رىفات ئەنۋەر، رەسىمنى تۈركىيەدىكى سانىيە خانىم تەمىنلىگەن. رەسىم تارتىلغان ئورۇن ۋە ۋاقىت ئېنىق ئەمەس.
Photo: RFA

مۇھاجىرەتتىكى گۇۋاھچىلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى، 29 ياشلىق رىفات ئەنۋەر، ئۆتكەن ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، توي تەييارلىقى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان كۈنلىرىدە تۇتقۇن قىلىنغان؛ دېيىلىشىچە، ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىغا-ئىلگىرى تۈركىيەدە ئوقۇغان بولۇشى ۋە ئالدىنقى ئايلاردا ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلغان 100 كۈنلۈك زەربە دولقۇنى سەۋەب بولغان. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ئۇيغۇر ئېلىدا 2017 ‏-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن 6 ‏-يىلىغا ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ، ئىلگىرى تۇتۇلغانلار قويۇپ بېرىلىشتە يوق، يېڭىدىن تۇتۇلۇشلار يەنە داۋام قىلماقتا. نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇريار فوندىنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچىدىن ئىگىلىشىچە، شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى، 29 ياشلىق رىفات ئەنۋەر، ئۆتكەن ئاينىڭ 22 ‏-كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان.  دېيىلىشىچە، رىفات ئەنۋەر ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق بولغان  ئۈرۈمچىدىكى جىڭنەن ئاھالىلەر رايونى تەۋە ساقچىخانا تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.  تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئۈرۈمچىدىكى قالىغاچ ساقچىخانا خادىمى، يەنئەن يولىدىكى شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ باخۇلياڭ ساقچىخانىسىغا قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رىفات ئەنۋەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

بىز رىفات ئەنۋەرنىڭ تۈركىيەدىكى ساۋاقداشلىرى ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ دوستى بولغان سانىيە خانىم بىلەن ئالاقىلەشتۇق. سانىيە خانىم، رىفاتنىڭ ئانىسى بىلەن يېقىنغىچە، ئۈندىداردا سالاملىشىپ كەلگەن بولۇپ،  بۇ سالاملىشىشلار جەريانىدا، مەزكۇر ئائىلىنىڭ رىفاتنىڭ تويىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. ئەمما ئۇ ئۆتكەن ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن رىفاتنىڭ ئاپىسىنىڭ ئۈندىدارغا چىقماس بولۇپ قالغانلىقىنى  بايقىغان، ئۇ بۇنىڭدىن  ئاساسەن مەزكۇر ئائىلىگە كەلگەن  بىر كۆڭۆلسىزلىكنى پەرەز قىلغان ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قاناللىرى  ئارقىلىق، رىفات ئەنۋەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.

ئۇيغۇريار فودىنىڭ يېتەكچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ دېيىشچە، رىفاتنىڭ تۇتۇلۇشىغا  ئۇنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇغان بولۇشىدىن سىرت، ئۇنىڭ 29 بولۇشى، يەنە خەتەرلىك ئەۋلاد كاتېگورىيەسىگە كىرىشى سەۋەب بولغان.

سانىيە خانىمنىڭ ئىگىلىشىچە، رىفات ئەنۋەر، ئۆتكەن ئايلاردا، خىتايدا مەملىكەت بويىچە داۋام قىلغان  «100 كۈنلۈك قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش دولقۇنى»دا  تۇتقۇن قىلىنغان.  ئۆتكەن ئايدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا خوتەندىكى بىر ساقچى خادىمى، خىتايدا داۋام قىلغان قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش دولقۇنىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەندە، سىياسىي زەربىگە ئايلىنىپ توردىن چۈشۈپ قالغان ئاتالمىش تېررورچى ۋە ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە زەربە بېرىلگەنلىكىنى پاش قىلغانىدى.

سانىيە خانىم، مەزكۇر دولقۇننىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئىجرائاتى داۋامىدا، ئىلگىرى جازالانماي قالغان گۇماندارلارنىڭ نۇقتىلىق نىشان بولغانلىقى ۋە رىفات ئەنۋەرنىڭمۇ مانا مۇشۇ دولقۇننىڭ قۇربانى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.  ئۇ دوستى روشەنگۈل خانىمنىڭ ئوغلىنى ئۆيلۈك -ئوچاقلىق ئارزۇسنىڭ، سىياسىي بىر قۇيۇننىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

يۇقىرىقى ئۇچۇرلار، خۇددى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر پەرەز قىلغىنىدەك، گەرچە  سابىق ئەمەلدار چېن چۈەنگو، ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ « تۇتۇشقا تېگىشلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇش» بۇيرۇقىنىڭ يېڭى ئەمەلدار  دەۋرىدىمۇ ئىزچىل ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئىجرائاتنىڭ يېقىن ئارىدا توختىمايدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.