سابىق مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئوسمان: «قېيىن-قىستاقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزۈمنى ‹جىھاتچى› دەپ ئىقرار قىلدىم»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.07.01
memettursun-osman.jpg ئەزھەردىكى ئەسنەم ئۇيغۇر ئاشخانىسىنىڭ ئاشپىزى مەمەتتۇرسۇن ئوسمان ئەپەندى.
RFA/Shöhret Hoshur

2016- ۋە 2017-يىللىرى مىسىردىن قايتقان ۋە قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەزھەردىكى ئەسنەم ئۇيغۇر ئاشخانىسىنىڭ ئاشپىزى مەمەتتۇرسۇن ئوسمانمۇ بار بولۇپ، ئۇ 2017‏-يىلى خوتەندە تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ قاماقتا مىسىردىكى ھاياتى ھەققىدە قاتتىق سوئال-سوراققا ۋە ئېغىر قېيىن-قىستاققا ئۇچرىغان. ئۇ گەرچە مىسىردا 6 ئايچە ئاشپەزلىك قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق پائالىيەتكە قاتناشمىغان بولسىمۇ، ئەمما سوراق جەرياندا ئۆزىنىڭ جىھاد ھەققىدە تەبلىغ ئاڭلىغانلىقى ۋە خوتەنگە ۋەزىپە بىلەن قايتقانلىقى ھەققىدىكى ئىقرارنامىگە قول قويۇشقا مەجبۇرلانغان. تۆۋەندە بۇ جەرياننى سابىق مەھبۇس مەمەت تۇرسۇن ئوسماننىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر.

خىتاي قاماقخانىسىدىن ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ۋە قاماقخانىدىكى ئەھۋاللارنى دۇنياغا ئاشكارىلاش ئۈچۈن خىتاينىڭ چەتئەلدە تۇرۇپ جاسۇسلۇق قىلىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئۆتكەن يىلى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن دۇبەيگە يولغا سېلىنغان. دۇبەيگە بارغاندىن كېيىن ھەقىقىي ئەھۋالنى دادىسىغا ئاشكارىلاپ، خىتاي بىلەن چەك-چېگرىسىنى ئايرىغان سابىق مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئوسمان سۆھبىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا ئۆزىنىڭ خوتەن قاماقخانىسىدىكى مەزگىلدە دۇچ كەلگەن سوئال-سوراق ۋە قېيىن-قىستاقلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، ساقچىلار ئۇنى ئالدى بىلەن «مىسىردا دىن ئوقۇغانلىقى» نى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇرلىغان. ئۇ بۇنى ئىنكار قىلغاندىن كېيىن «مىسىردا دىنىي تەبلىغ ئاڭلىغانلىقى» نى ئىقرار قىلىشقا قىستالغان. ئۇ ساقچىلارنىڭ پەيلى ۋە كامىرداشلىرىنىڭ كەچۈرمىشىلىرىگە ئاساسەن سوراقتا ساقچىلار كۈتكەن جاۋابنى بەرمىگۈچە قېيىن-قىستاقنىڭ تۈگىمەيدىغانلىقى ۋە بۇ قاماقخانىدا جىسمانىي جەھەتتىن تۈگىشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان. شۇڭا ئاخىرى ساقچىلار ئېغىزىغا سېلىپ بەرگەن جاۋابلارنى تەكرارلاشقا، يەنى ئاتالمىش «جىنايىتى» نى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

مەمەتتۇرسۇن ئوسماننىڭ دېيىشىچە، بۇ قاماقخانىدىكى بارلىق تۇتقۇنلار دۇچ كەلگەن ئەھۋال بولۇپ، تۇتقۇنلار ئۆزلىرى ئۆتكۈزمىگەن، ئەكسىچە ساقچىلار لايىھەلەپ چىققان بىر جىنايەت خاتىرىسىگە قول قويۇش ۋە بۇ ئاتالمىش «جىنايىتى» گە چەتئەلدە ياشاۋاتقان بىرلىرىنى شېرىك قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق قېيىن-قىستاقتىن قۇتۇلغان. مىسىردىكى ھاياتىدا قازان بېشى بىلەن ياتىقى ئارىسىدىن نېرىغا بېرىشقا ۋاقتى يەتمىگەن مەمەتتۇرسۇن ئوسمان ئۆزىنىڭ جىھادقا ئالاقىدار تەبلىغ ئاڭلىغانلىقى ھەققىدىكى ئىقرارنامىگە قول قويغان. گەرچە ئۇ خوتەنگە دادىسىنىڭ توسۇشىغا قارىماي يۇرتىنى سېغىنىپ قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ خوتەنگە ئاتالمىش «تېررورچىلار تاپشۇرغان ۋەزىپە» بىلەن كىرگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان. يەنى ئۇ خوتەنگە چەتئەلدە دىن ئوقۇشنى خالايدىغانلارنى تېپىش ۋە يولغا سېلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان.

يۇقىرىدا مىسىردىن قايتىپ تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلاردىن ئاشپەز مەمەتتۇرسۇن ئوسماننىڭ خوتەن قاماقخانىسىدا باشتىن كەچۈرگەن سوئال-سوراق ۋە قېيىن-قىستاقلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.