«شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ سىماسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالدىدا نامايەن بولدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2022.05.31
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
saqchi-hojjetliri-resim-1.jpg

saqchi-hojjetliri-resim-2.jpg

saqchi-hojjetliri-resim-3.jpg

saqchi-hojjetliri-resim-4.jpg

saqchi-hojjetliri-resim-5.jpg

saqchi-hojjetliri-resim-6.jpg

saqchi-hojjetliri-resim-7.jpg

saqchi-hojjetliri-resim-8.jpg

saqchi-hojjetliri-resim-9.jpg

saqchi-hojjetliri-resim-10.jpg

29-ماي كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتى، پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. بۇ نامايىش ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ دىققىتىنى يېقىندا ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىغا قارىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلدى.

نامايىشچىلار، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى 2884 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ باش سۈرەتلىرى ئارىسىدىن تاللاپ چوڭايتىلىغان 500 كىشىنىڭ سۈرىتىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالدىدىكى چىملىققا رەتلىك تىزدى. سۈرەتلەر ئىچىدىكى كۆزلىرى لىققدە ياشقا تولغان 50 ياشلىق ھاۋاگۈل تەۋەككۈل ۋە 15 ياشلىق ئوماق قىز راھىلە ئۆمەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزلىگەن سۇلغۇن سىمالار، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى.

نامايىش باشلىنىشى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم ئېچىلىش سۆزى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېر-تۈرمىلەرگە سولىۋالغان مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى ھەققىدىكى دوكلاتنى تېزدىن ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

«شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى كۆز يۇمۇۋالغۇسىز پاكىتلار خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلاۋاتقان بىر پەيتتە، مىشېل باچېلېتنىڭ خىتايدىن قۇرۇق قول قايتىشى، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ئىدى.

بۈگۈنكى نامايىشقا لاگېر شاھىدى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىممۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ سەپنىڭ ئالدىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى ئېگىز كۆتۈرگەن ھالدا باشتىن-ئاخىر يىغلامسىراپ تۇردى. ئۇ رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى ئاشۇ سۈرەتلەرنى كۆرگەن كۈنى، ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا لاگېردا تارتقان خورلۇقلىرىنى قايتا ياشىغاندەك بولغانلىقنى ئېيتىپ ئۆتتى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «رەسىمدىكى كىشىلەرنىڭ چىراي ئىپادىسىگە ۋە يۈزلىرىگە دىققەت قىلدىڭلارمۇ؟ ئۇلار سۈرەتكە ئېلىنىدىغان چاغدا يىغلىسا ياكى غەزەپلىك ھالەتتە تۇرسا بولمايدۇ. يېنىدا پەلەي تاقاپ تۇرغان ھىلقى خىتاي ئايال ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىسىنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. مېنى ئەينى ۋاقىتتا سۈرەتكە تارتقاندا، مەن يىغلاۋېرىپ ئۈچ كۈنگىچە سۈرەتكە تارتالماي، مېنى تىللاپ كەتكەن ئىدى.»

نامايىش داۋامىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى مىسران دولان ئىنگىلىز تىلىدا نۇتۇق سۆزلەپ، بۈگۈنكى نامايىشنىڭ مەقستى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاشكارىلانغان ساقچى ھۆججەتلىرىدىكى تۇتقۇنلار قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ يەرلىك ئاھالىلىرى بولۇپ، ئۇلار 2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىكەن. «كۇرسانت» دېگەن نام بىلەن پەردازلاپ كۆرسىتىلگەن بۇ تۇتقۇنلارنىڭ ئەڭ كىچىكى 15 ياش، ئەڭ چوڭى 75 ياش ئىكەن.

ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى نامايىشنىڭ ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلانىڭ زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قىلغان بىر تىرىشچانلىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نامايىشقا قاتناشقان ئەنۋەر مەمەت ۋە مەمەتئىلى سۇلتان قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاشۇ سۈرەتلەردىكى تۇتقۇنلار ئۇلار بىلەن يۇرتداش ئىكەن. ئەنۋەر ئەپەندى سۈرەتلەر ئارىسىدىن ئۆزىنىڭ بىر نەۋرە تۇغىقىنىنى، مەمەتئىلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ بىر ساۋاقدىشىنى تۇنۇغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈنكى نامايىش ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئېغىر زۇلۇم ئاستىدىكى ۋەتەنداشلىرى ۋە قېرىنداشلىرىغا قىلغان دۇئالىرى بىلەن ئاخىرلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.