خىتاينىڭ نازارەت سىستېمىسىدىكى ئاساسلىق ئۈسكۈنىنىڭ بىرى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

يېقىندا فېيسبوك، تىۋىتېر قاتارلىق تاراتقۇلاردا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دۇكان، مەھەللە كومىتېت، ئىدارىلەرنىڭ قوغداش بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلارغا بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرغان ئۈسكۈنە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىككى پارچە سۈرەت تارقىتىلدى ۋە بۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆزىتىش ۋە نازارەت قىلىش ۋەزىيىتىنى يورۇتۇپ بېرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ نۇرغۇن قېتىم ھەمبەھىرلىنىپ، بەلگىلىك ئىنكاس قوزغىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ مەزكۇر ئۈسكۈنىلەر ھەققىدە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدىن، سۈرەتتىكى ئۈسكۈنىنىڭ جوڭ شىڭ شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن بىر كۇنۇپكا بىلەن ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئەسۋابى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. شۇنداقلا بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تىنچ-ئامان شەھەر سۇپىسى مۇلازىمىتى سۇپىسى دەپ ئاتالغان بىر تۇتاش نازارەت سىستېمىسىدا قوللىنىۋاتقان ئاساسلىق ئۈسكۈنىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

چېن چۇەنگو ئۇيغۇر ئېلىگە پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە قوللىنىۋاتقان يۇقىرى تېخنىكالىق ۋە كەڭ كۆلەملىك تەقىب قىلىش سىستېمىسىنىڭ بۇ رايوننى خۇددى بىر «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى دۇنيا ئاخباراتىدا كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنىپ كەلمەكتە. خىتايدىكى سانائەت بىخەتەرلىكى ۋاسىتىچىلىك ھەققى شىركىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر ئىستاتېسكىغا قارىغاندا 2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك ساھەسىگە سالغان مەبلىغى 2015-يىلىدىكى 27 مىليون دوللاردىن بىراقلا بىر مىليارد دوللارغا ئۆرلىگەن ئىكەن.

ئىلگىرى ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن «ۋال سىترىت ژۇرنىلى» دا يۇقىرىقى ئىستاتېسكا نەقىل ئېلىنىپ «شىنجاڭدىكى 12 كۈن: خىتايدىكى نازارەت سىستېمىسىنىڭ كۈندىلىك ھاياتنى ۋەيران قىلىشى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىنىپ «ئۈرۈمچىنى يەر شارىدىكى ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىنىدىغان يەر بولسا كېرەك»، دەپ بېشارەت بەرگەنىدى. ماقالىدە يەنە: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى ئۇيغۇرلار شىددەت ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ تۇرۇپ ئېلىپ بارغان مۇستەقىللىق كۈرىشىنى ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىۋاتقان تەدبىرلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىنى خۇددى بىر يۇقىرى تېخنىكا بىلەن جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ تەجرىبىخانىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ» دەپ تەسۋىرلەنگەن ئىدى.

خەلقئارادىكى نۇرغۇن داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشقا سېلىۋاتقان يۇقىرى پەن-تېخنىكالىق نازارەت قىلىش سىستېمىسى تالاش-تالاش قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، نازارەت قىلىش سىستېمىسىدىكى ئاساسلىق ئۈسكۈنە-ئاپپاراتلارنىڭ چۈم پەردىسى تېخى تولۇق ئېچىلمىدى. بۇ خىل نازارەت قىلىش تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىگە ئائىت ئەھۋال دۇنيا جامائەتچىلىكىدە قىزىقىش قوزغىماقتا.

شۇ سەۋەبتىن يېقىنقى ئىككى كۈندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى دۇكاندارلار ئۆزىنىڭ دۇكانلىرىغا ئورناتقان، تېررورلۇقتىن قوغدىنىش بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىسى ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەن بىر ئۈسكۈنىنىڭ سۈرىتى تورلاردا كەڭرى تارقىلىپ غۇلغۇلا قوزغىدى. سۈرەتكە ئىنكاس قايتۇرغان بەزىلەر بۇ ئاپپاراتنىڭ ئاۋاز سۈزگۈچ ئىكەنلىكىنى قەيت قىلسا، يەنە بەزىلەر ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ئۈسكۈنىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

بىز بۇ ئۈسكۈنىنىڭ قانداق ئۈسكۈنە ئىكەنلىكى ۋە قايسى سىستېما ئۈچۈن، قانداق دائىرىدە قوللىنىۋاتقانلىقى قاتارلىق تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساقچىخانىلار ۋە باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىشكە تىرىشقان بولساقمۇ تېلېفونىمىز ئۇلانمىدى.

بىز بۇ سوئاللىرىمىز ھەققىدە جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىر يىل ئاۋۋال چەتئەلگە چىققان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىنچ-ئامان شەھەر سۇپىسى مۇلازىمىتى سۇپىسىدا تېخنىك خادىم بولۇپ ئىشلىگەن بىر ئۇيغۇرغا مۇراجىئەت قىلدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ تورلاردا تارقالغان مەزكۇر سۈرەتتىكى ئۈسكۈنىنى ياخشى بىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنى ئورنىتىشقا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ يۇرتىدا قالغان ئاتا-ئانىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئاۋازى ۋە نام شەرىپىنى يوشۇرۇپ قېلىش شەرتى بىلەن بىزنى بۇ ئۈسكۈنە ھەققىدە ئۆزى بىلىدىغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «سۈرەتتىكى بۇ ئۈسكۈنە خىتايچە يى جىيەن باۋجىڭ، يەنى بىر كۇنۇپكا بىلەن ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئاپپاراتى دېيىلىدۇ. مەھەللە كومىتېتى قوغداش ئىشخانىسى، كوچا-باشقارمىسى، دۇكان، سودا-سېتىق مەركەزلىرى، مېھمانخانا، دوختۇرخانا، بانكا، تىجارەت خاراكتېرىنى ئالغان ھەر قانداق ئورۇن، ئاممىۋى سورۇنلار ھەتتا يەسلى، مەكتەپ، ھەممىلا يەردە بۇ خىل بىر كۇنۇپكا بىلەن مەلۇم قىلىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان. بۇ ئاپپارات جوڭشىڭ شىركىتى تەرىپىدىن مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي قانۇن باشقارمىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئەسلىدىكى بانكىلارنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئاپپاراتىنى يېڭىلاپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ لايىھىلەنگەن ئۈسكۈنە بولۇپ، كۇنۇپكىسىنى بىرلا قېتىم باسقاندا ئەڭ يېقىن ئەتراپتىكى ساقچى پونكىتىغا سىگنال بېرىدۇ، ئۇلار بىر مىنۇت ئىچىدە يېتىپ كېلىدۇ ۋە يەنە بۇ سىگنال ئۇيغۇر ئېلىدىكى تىنچ-ئامان شەھەر سۇپىسى مۇلازىمېتىرىغا ئۇلانغان. شۇ جايدىن بىۋاسىتە نازارەت قىلىنىدۇ.»

بۇ مەلۇمات بەرگۈچى يەنە بىزگە بۇ ئۈسكۈنىنىڭ قاچان ئورنىتىلىشقا باشلىغانلىقى ۋە قايسى دائىرىدە قوللىنىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئۈسكۈنىلەر پۈتۈن ئاپتونوم رايون مىقياسىدا سىياسىي قانۇن باشقارمىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ساقچىخانا، كوچا باشقۇرۇش باشقارمىلىرى دېگەندەك ئورۇنلارنىڭ ھەمكارلىقىدا 2017-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ ئورنىتىلىشقا باشلىغان. 6 ئاي ئىچىدە پۈتۈن ھەممە يەرنى قاپلاپ بولدى ۋە ھەر بىر شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ نازارەت سۇپىسى سىستېمىسىغا ئۇلاندى. بۇنىڭ ئەسلى جوڭ شىڭ شىركىتىدىن ئىشلىنىپ چىقىش تەننەرخى 120 سوم، جۇڭگو تېلېگراف شىركىتى ئۇنىڭغا 80 سوم قوشۇپ بازارغا سالدى. بۇ ئۈسكۈنىنى ھەر قانداق دۇكاندار ئورنىتىشى شەرت، ئۇلار جۇڭگو تېلېگراف شىركىتىدىن سېتىۋېلىپ، ھەر ئايلىقىغا 19 خەلق پۇلىدىن تۆلەپ مۇلازىمىتىنى ساقلاپ تۇرۇشى كېرەك. ھەر ئون دۇكاندار بىر باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى سىستېمىسى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ. بۇ ئۈسكۈنە ھەر كۈنى سىناق قىلىنىپ مانېۋىر ئېلىپ بېرىلىدۇ. يەنى مۇشۇ ئۈسكۈنە سىگنال بەرگەندىن كېيىن دۇكاندارلار قوللىرىغا توقماقلىرىنى ئېلىپ كوچىغا چىقىپ تۇرۇپ ۋە بۇيرۇق بويىچە مانېۋىر ئېلىپ بارىدۇ، بۇ كۈندىلىك بىر مەشغۇلاتقا ئايلاندى. ئەگەر بۇ ئۈسكۈنىنى سېتىۋالمىسىڭىز دۇكىنىڭىز تاقىلىدۇ، ھەتتا ۋاقتىدا ئايلىق مۇلازىمەت ھەققىنى تاپشۇرمىغان ياكى ئۈسكۈنىدىن كاشىلا چىققانلىقىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىغاندا بەلگىلىك جازاغا ئۇچرايدۇ».

يەنە بىر ئىنكاس قىلغۇچى بۇ خىل ئۈسكۈنىنىڭ يېزىلاردىكى ئۆيلەرگىچە كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىب قىلىش سىستېمىسىغا ئۇلانغان بۇ خىل ئۈسكۈنە ئاپپاراتلارنى، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بولسا، كېيىنچە ئۇ خىتاي پۇقرالىرى ئۈچۈن ھەتتا پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن بىر زور خەۋپ يارىتىدىغانلىقى تورلاردىمۇ تالاش تارتىپ قىلىنماقتا».

خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى دۇنيانى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بىر مىليوندەك خەلقنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان بىر پەيتتە يەنە ئۇيغۇر دىيارىنى خەلقنى نازارەت قىلىدىغان يۇقىرىقى تېخنىكالىق نازارەت سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان تەجرىبەخانىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتقانلىقىنى، بۇ سىستېمىنىڭ يالغۇز ئۇيغۇر رايونىدىلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيادا ئەركىنلىككە تەھدىت سالىدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرماقتا.