سەنۇبەر تۇرسۇن بىلەن ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ يېڭى يىلدا سەھنىدە پەيدا بولۇشى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020-01-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئاتاقلىق ناخشىچى-مۇزىكانت سەنۇبەر تۇرسۇن.
ئاتاقلىق ناخشىچى-مۇزىكانت سەنۇبەر تۇرسۇن.
Social Media

يېقىندىن بۇيان خىتاي مۇخبىرلىرى مەخسۇس خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا گۇۋاھلىق بەرگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغقانلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئىشلىگەن ۋىدېيولۇق خەۋەرلىرى خىتاينىڭ چەتئەللەرگە قاراتقان تەشۋىقاتلىرىدا كۆرسىتىلمەكتە.

خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ۋىدېويولۇق خەۋەرلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى 2-3 يىلدىن بۇيان ئىز-دېرىكىنى ئالالمايۋاتقان ياكى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىنى يالغانغا چىقىرىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە «لاگېرلار تاقالدى، ئۇيغۇرلار بەختلىك ياشاۋاتىدۇ» دېگەننى كۆرسىتىش ئۈچۈن سەنئەت ساھەسىدىكى ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغان ۋە لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى سەھنىلەرگە ۋە تەشۋىقات ۋاستىلىرىگە چىقىرىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. 

2018-يىلى-11 ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ غايىپ بولغان، 2019-يىلى يانۋاردا 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئاتاقلىق ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇن «تىك-توك»، يەنى خىتايچە «دوۋيىن» تاراتقۇسىدا ئۆزىنىڭ «سەنۇبەر 2020» ناملىق ھېسابىنى خىتايچە تونۇشتۇرغان قىسقا بىر سىن كۆرۈنىشى يېڭى يىل ھارپىسىدا تارقالدى. 

بۇ ۋىدېيو چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار كەڭ قوللىنىۋاتقان بىر قىسىم ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىغا كەڭ تارقىلىپ غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلاردا بەزىلەر سەنۇبەرنى ھايات كۆرگەنلىكىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بايان قىلىشسا، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭ ئىلگىرىكىدىن كۆپ سۇلغۇن كۆرۈنىۋاتانلىقى، چاچلىرىنىڭ ئاقىرىپ كەتكەنلىكى، چەتئەل ئاخباراتىنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن ئۇنى خىتايچە سۆزلىتىپ تەشۋىقات ۋاستىلىرىغا چىقىرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. يەنە بەزىلەر بۇنىڭ سەنۇبەگە ئوخشاش ئەل سۆيگەن بىر سەنئەتكارنىڭ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىش ھېسابلىنىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئېغىر روھىي بېسىمدا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قىياسلىرى ۋە ئەندىشىلىرىنى ئىپادە قىلغان. 

بۇنىڭدىن بىرقانچە كۈن ئاۋۋال يەنە بىر داڭلىق ناخشىچى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئۈرۈمچى دوڭكۆۋرۈك مەھەللە كومېتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يېڭى يىللىق پائالىيەتتە ناخشا ئېيتىۋاتقان كۆرۈنىشى تارقالدى. بۇ كۆرۈنۈش خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرى ئارقىلىق چەتئەللەردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا تارقالغان بولۇپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى. ئىنكاسلاردا نۆۋەتتە بىر قىسىم ئۇيغۇر سەنئەتكارلار، داڭدار شەخسلەر لاگېردىن قۇتۇلغان تەقدىردىمۇ خىتاينىڭ مەجبۇري ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقاتلىرى ئۈچۈن ۋاسىتە سۈپىتىدە پايدىلىنىلىۋاتقانلىقى مۇنازىرە قىلىنماقتا. 

ئاتاقلىق سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر ئۆتكەن يىلى فېۋرالدا دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا، بولۇپمۇ تۈركىيەدە زور ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. بۇ ھەتتا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ھەققىدىكى سۈكۈتىنى بۇزۇپ، بايانات ئېلان قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ تىرىكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر ۋىدىيولۇق خەۋەر تارقىتىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. 26 سېكۇنتلۇق بۇ ۋىدېيودا ئابدۇرېھىم ھېيىت ئۆزىنىڭ «قانۇن ئورۇنلىرى تەرىپىدىن گۇمانلىق دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈلۈش مۇناسىۋىتى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. 
يېڭى يىللىق مەھەللە كومىتېتىنىڭ سەنئەت پائالىيىتىدىكى كۆرۈنۈش ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئۆتكەن قېتىملىق ھاياتلىقى كۆرسىتىلگەن ۋىدېيولۇق خەۋەردىن كېيىن تۇنجى قېتىم سەھنىدە ناخشا ئورۇنلىغان كۆرۈنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور راچېل ھاررىس خانىم «يەر شارى پوچتىسى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ داڭلىق ئۇيغۇر سەنئەتكارى سەنۇبەر تۇرسۇن بىلەن بولغان نورمال ئالاقىسىنىڭ 2018-يىلى نويابىردىن باشلاپ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئۇ ماقالىسىدە ئۆزىنىڭ سەنۇبەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر سەرخىللىرى شۇنىڭدەك خىتاي جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلاردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلغان ئىدى. ئۇ يەنە خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئېغىر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان ئىدى. ئارقىدىنلا فىرانسىيە، بېلگىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇزىكىسى ۋە مەدەنىيەت-سەنئىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسىسلەر خىتايدىن سەنۇبەر تۇرسۇن قاتارلىق ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىمزالىق بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان راچېل ھاررىس خانىم ئۆزىنىڭ بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت غايىپ بولغان سەنۇبەرنى كۆرۈپ، ئۇنڭ ھايات ئىكەنلىكىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭ پەرىشان ھالىتىنى كۆرۈپ بەكمۇ ئازابلانغانلىقىنى بىلدۈردى. 

راچېل خانىم مۇنداق دېدى: «ئادەتتە باشقىلارغا قارىغاندا ئارتىست ياكى سەنئەتچىلەردىن پايدىلىنىپ چەتئەلگە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ ئۈنۈمى چوڭ بولىدۇ. شۇڭا خىتاي نۆۋەتتە سەنۇبەر تۇرسۇن، ئابدۇرېھىم ھېيت، ئادىل مىجىتتەك بىر قاتار داڭدار سەنئەتكارنى تېلېۋىزىيەگە چىقىرىپ كۆز بويامچىلىق قىلماقچى بولىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆرۈنىشىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ، ئۇلار پەقەت قۇپ-قۇرۇق جىسمى بىلەن سەھنىدە، ئۇلار ئەركىنلىكىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم، خالىغانچە ھەرىكەت قىلىشقا، ھەتتا سۆزلەشكىمۇ ئىمكانىيىتى يوق. ئۇلارنىڭ بۇ خىل پىسىخىكىلىق زۇلۇملارنى چېكىۋاتقانلىقى مېنى بەكمۇ ئازابلايدۇ.»

راچېل خانىم يەنە «خىتاي بىر قاچە ئىنساننى سەھنىگە چىقىرىپ تەشۋىق قىلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى يوشۇرۇپ قالامايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىزنىمۇ، دۇنيانىمۇ ئىشەندۈرەلمەيدۇ،» دەپ تەكتلىدى.

يااۋرۇپا ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئىسنستىتۇتىنىڭ قۇرغۇچىسى، دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىم خەلقئارادا، بولۇپمۇ ئىلىم ساھەسىدە لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە سۈرۈشتە قىلىش پائالىيەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئويناپ كېلىۋاتقان زىيالىيلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھەر خىل كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن تىزىمغا ئېلىنغان لاگېردىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ سانى 450 كە يېقىنلاشقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش جامائەت ئىچىدە بەلگىلىك تەسىرى بار سەنئەت ساھەسىدىكى شەخسلەرنى مەجبۇرىي سۆزلىتىپ سەھنىلەرگە چىقىرىشنىڭ ئۆزى خىتاينىڭ خەلقئارنىڭ دىققىتىنى بۇرمىلاشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

دىلنۇر خانىم «بۇ ۋىدېيولاردىن ئۇلارنىڭ گەرچە قورقۇنۇچلۇق لاگېردىكى جىسمانىي جازالاردىن قۇتۇلدى دەپ ئويلىساقمۇ، ئەمما ئۇلارنى پەقەتلا كىچىك دائىرىدىكى لاگېردىن كەڭ دائىرىدىكى لاگېرغا چىقتى دەيەلەيمىز. ئۇنىڭدىن باشقا بىرەر ئۆزگىرىشنىڭ بارلىقىنى جەزىملەشتۈرەلمەيمىز.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت