14-نويابىر تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلىكى ۋە ئۇيغۇر ياش قەلەمكەشلەر بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا «شەرقى تۈركىستان شېئىر كېچىلىكى» ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتكە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىرلىرى، ئەدىبلىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قەدەم تەشرىپ قىلدى.
پائالىيەتكە ياش شائىر ئىمران سادائىي رىياسەتچىلىك قىلدى. تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ باشلىقى ماھمۇت بېيىكلى مەزكۇر كېچىلىكنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. مەھمۇت بېيىكلى باشقا پائالىيەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا شەرقى تۈركىستان داۋاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ كىشىنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ شەرقى تۈركىستان بىلەن چوڭقۇر رىشتىمىز بار. بۇ رىشتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەرخىل ئۇرۇنۇشلار ئىلىپ بېرىلىۋاتقان، سىياسىي چۈشەنچىلەر تىڭىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بىز ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئىشەنمەيمىز. ھەممىسىنى رەت قىلىمىز. بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن بولغان رىشتىمىز چوڭقۇر رىشتىدۇر، بۇ رىشتە قىيامەتكىچە داۋاملىشىدۇ.»
پائالىيەتتە يەنە تەكلىپكە بىنائەن قاتناشقان قىبرىس 15-نويابىر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور شەۋكەت ناسىرى ئەپەندىم ۋە دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىملەر شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەدەنىي مىراسلار توغرىسىدا سۆز قىلدى.
ئۇيغۇر ياش قەلەمكەشلەر بىرلىكىدىن شائىر ئابدۇخەبىر قادىر ئەركان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشكىللىنىش جەريانى ۋە مەقسىتى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
بۇ كېچىلىكتە ئۇيغۇر شائىرلاردىن ئىمران سادائى، ئالىمجان سايرامى، ئابدۇخەبىر قادىر ئەركان، ئابدۇرەھىم پاراچ، مەدىنە باۋۇدۇن قاتارلىقلار ۋەتەن ھەققىدىكى شېئىر ۋە نەسىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش ئارقىلىق پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى.
مەزكۇر پائالىيەتكە ئامېرىكادىن كېلىپ قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيسى مەدىنەئاي باۋۇدۇن خانىم زىيارىتىمىز قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلىكى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان شېئىر كېچىلىكىگە ئىشتىراك قىلغانلىقىم ئۈچۈن ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم. كېچىلىكتە ياش شائىرلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەنگە بولغان سېغىنىشى ھەققىدىكى تەسىرلىك شېئىرلىرى بىلەن كىچىلىكنى زىلزىلىگە سالدى. مەن بۇ شېئىر كىچىلىكىگە قاتنىشىپ ئىنتايىن تەسىرلەندىم. داۋاملىق بۇ خىل مەدەنىيەت كېچىلىكلىرىنىڭ كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇلۇشىنى، بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا تۆھپە قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
پائالىيەتكە قاتناشقان زىيالىيلار ۋە ئەدىبلەر بىردەك شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى ۋە بۇ خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى تۈرك خەلقىگە ئاڭلىتىشتا مۇھىم ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى. بۇ ھەقتە تۈركىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ باشلىقى مەھمۇت بىيىكلى ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى تۈرك خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى ئاڭلىتىش ئۈچۈن مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش ئىنتايىن مۇھىم دەپ ئويلايمىز. بۇ سەۋەب بىلەن بۈگۈن بىر شېئىرىيەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدۇق. بۇنىڭدىن كىيىن شەرقىي تۈركىستاننى ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى يېڭى نەسىللەرگە تونۇتۇش ۋە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھەر خىل يىغىنلار، كېچىلىكلەر ۋە سۆھبەتلەرگە ئوخشاش مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەيمىز. مەقسىتىمىز شەرقىي تۈركىستان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك مۇناسىۋەتنىڭ ئەدەبىي جەھەتتىن داۋاملىشىشىنى ساقلاش ۋە ئۆزئارا ئەدەبىي تونۇشقا ئىگە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. مەن بۈگۈن مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان يازغۇچىلار، شائىرلار ۋە ئەدىبلەرگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. مەدەنىيەت ئالاقىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئورۇنداشقا ئىشەنچ ۋە سۆيگۈ بىلەن تىرىشىمىز.»
پائالىيەت ئىنتايىن قىزغىن كەيپىياتتا ئىلىپ بېرىلدى. پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ياش قەلەمكەشلەر بىرلىكى تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلىكىگە خاتىرە بۇيۇمى سوۋغا قىلدى. تونۇلغان خىتاي تەتقىقاتى مۇتەخەسسىسى پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى بىلەن شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللانىڭ يېڭى كىتابلىرى پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارغا خاتىرە بۇيۇمى سۈپىتىدە سوۋغا قىلىندى.
0:00 / 0:00