«شەرقىي تۈركىستان ياشلار مەركىزى» تۇيۇق يولدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئۈمىد ئاتا قىلماقتا
2023.07.25
ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا ئۇيغۇر ياش ئابدۇسەمى خوتەن باشچىلىقىدا قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ياشلار مەركىزى» (سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى) ئىستانبۇلدا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ھەمدە سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىپ ۋە يېڭىدىن بىر ھايات قۇرۇشىغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈمىدى بولماقتا.
«شەرقىي تۈركىستان ياشلار مەركىزى» 2021-يىلدىن بۇيان بۇيان ئىستانبۇلدا زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قالغان، مەجبۇرىي ھالدا كوچىلاردا ئوغرىلىققا ياكى تىلەمچىلىككە سېلىنغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىگە قۇچاق ئېچىپ، ئۇلارنى تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلىگەن، شۇنداقلا يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ھەمدە سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم قىلغان. بۇنىڭ بىلەن تۈركىيەدىكى تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئۈمىد، جاسارەت ۋە يېڭىدىن ھايات قۇرۇش پۇرسىتى ئاتا قىلغان.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر مەركەزنىڭ مەسئۇلى ئابدۇسەمى خوتەن ۋە بۇ مەركەزدە داۋالىنىپ ساقايغان، شۇنداقلا مۇئەييەن كەسىپ ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ كېلەچىكىنى قايتا يارىتىشقا بەل باغلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.
رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئابدۇسەمى خوتەن سۆزىدە، تۇرمۇش قىيىنچىلىقى، يالغۇزلۇق ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ، زەھەرلىك چېكىملىك، ئوغرىلىق، تىلەمچىلىك پاتقىقىغا كىرىپ قالغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ياردەم قىلىش مەقسىتىدە ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا «شەرقىي تۈركىستان ياشلار مەركىزى» نى قۇرغانلىقى، شۇنىڭدەك بۇ جەرياندا زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قالغان ياشلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە قانداق ياردەملەردە بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
بۇ مەركەزدە داۋالىنىپ ساقىيىپ چىققان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن بىرى سۆھبىتىمىز جەريانىدا «شەرقىي تۈركىستان ياشلار مەركىزى» گە كىرىشتىن بۇرۇن ھاياتقا بولغان ئۈمىدىنىڭ يوقالغانلىقىنى، ئەمما بۇ مەركەزگە كىرگەندىن كېيىن ئۆزىدە ھاياتىنى يېڭىدىن باشلاش ئىستىكى ئويغانغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
بۇ مەركەزدە ئىككى يىلدىن بۇيان تۇرۇۋاتقان ياشلارنىڭ يەنە بىرى بۇ مەركەزدە تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان ياشلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا پەرقلىق پىروگرامما ۋە دەرسلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى بەكمۇ ئەمەلىي بولغان چارىلەردىن، دەپ قارايدۇ.
ئىقتىسادتىن قىينىلىپ «شەرقى تۈركىستان ياشلار مەركىزى» دە ئىككى يىلدىن بۇيان تۇرۇۋاتقان باشقا بىر ياش بولسا بۇ مەركەزدىكى تۈرلۈك ھۈنەر-كەسىپ، ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش، تەنتەربىيە، سۆھبەت ۋە دالا سەيلىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ بۇ جايدىكى ياشلارنىڭ يېڭىدىن ھاياتلىق يولىغا مېڭىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
ئاخىرىدا، ئابدۇسەمى خوتەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ھەمدە سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىپ جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇشىغا ئۆزىنىڭ پىداكارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ياشلارنىڭ باشقىلارغا يۈك بولۇپ قالماي مۇستەقىل ياشاپ، ئۇيغۇر مىللىتىگە خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەردىن بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.