«شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى ياسىن بەكرى ھەققىدە چەت ئەلدىكى بىر ساۋاقدىشى گۇۋاھلىق بەردى
2023.03.24
«شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى»دە ئىسمى تىلغا ئېلىنغان تۇتقۇنلاردىن ياسىن بەكرى ھەققىدە ئۇنىڭ نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ساۋاقدىشى قەلبىنۇر يۈسۈپ خانىم گۇۋاھلىق بەردى. قەلبىنۇر خانىم، ياسىن بەكرى بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپتە 3 يىل بىر سىنىپتا ئوقۇغان ۋە بىر مەزگىل بىر پارتىدا ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇ ياسىننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى 2019-يىلى ساۋاقداشلار ئۈندىدار توپىدىكى ئىنكاسلاردىن خەۋەر تاپقان.
نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان قەلبىنۇر يۈسۈپ خانىم، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى»دىكى تۇتقۇنلارنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرۈۋېتىپ، ئارىسىدىن ساۋاقدىشى ياسىن بەكرىنى تونۇپ قالغان. مەزكۇر ھۆججەتتە ياسىن بەكرىنىڭ 2018-يىلى تۇتۇلغانلىقى ۋە شۇ يىلى28 ياش ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئەمما ئۇنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. ياسىن بەكرى ھەققىدە رادىيومىزغا گۇۋاھلىق بەرگەن قەلبىنۇر خانىمنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار 2010-يىلى قەشقەردىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. سىنىپتا ئۆگىنىش باشلىقى بولغان ياسىن بەكرى، ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، ئائىلە قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، قەشقەر توققۇزاقتا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي توي قىلىپ ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغان. قەلبىنۇر خانىم ئۆزى چەت ئەلگە چىقىشنىڭ ئالدىدا ياسىن بەكرىنىڭ بىر پەرزەنتى بارلىقىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتتى.
قەلبىنۇر خانىم، ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇش ۋە مۇھاجىرەت ھاياتى داۋامىدا، ياسىن بەكرىنىڭ ئەھۋالىدىن ساۋاقداشلار ئۈندىدار توپى ئارىلىق خەۋەر تېپىپ تۇرغان. دېيىلىشىچە، 2018-يىلىغا كەلگەندە ياسىن بەكرى بىر تۈركۈم ساۋاقداشلىرى قاتارىدا ئۈندىدار توپىدىن ئۈنى غايىپ بولغان؛ يەنى ئۇ توپقا ھېچقانداق ئۇچۇر يوللىمايدىغان ۋە ھەرقانداق بىر ئۇچۇرغا ئىنكاس قايتۇرمايدىغان بولۇپ قالغان. 2019-يىلىغا كەلگەندە، توپتىكى ساۋاقداشلاردىن بىرى ياسىن بەكرىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغىنىدا، بىرقانچىسى نارازىلىق بىلدۈرۈشكەن، يەنى ياسىن بەكرىنى تىلغا ئېلىشنىڭ ئۆزلىرىگە خەۋپ كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكەن. ياسىن بەكرىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى مۇشۇ ئىنكاسلاردىن بىلگەنلىكىنى بايان قىلغان قەلبىنۇر خانىم، مەزكۇر توپتا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەسلىك يولى بىلەن ساقلىنىپ قالغانلىقى ۋە بىر تۈركۈم ساۋاقداشلىرىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
مەزكۇر ھۆججەتتە، ياسىن بەكرىنىڭ «توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش» قىلمىشى بىلەن تۇتۇلغانلىقى خاتىرىلەنگەن، ئەمما بۇ قىلمىشنى كونكىرېت قايسى سورۇندا كىملەر بىلەن سادىر قىلغانلىقى يېزىلمىغان.
ياسىن بەكرىنىڭ ئوقۇغۇچى مەزگىلىدىلا تەرتىپلىك، ئىنتىزامچان ۋە ئۈلگىلىك بىر ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتكەن قەلبىنۇر خانىم، ساۋاقدىشى ياسىن بەكرىنى بىر جىنايەتچىلەر تىزىملىكىدە ئۇچرىتىپ قېلىشنى بۇرۇن ھېچ تەخمىن قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئىلگىرىكى زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەخلاقىي جەھەتتە ئۈلگىلىك شەخىسلەرنىڭ جازالىنىپ، ئىبرەت ئېلىنىشقا تېگىشلىك كىشىلەرنىڭ بولسا ئەتىۋارلىنىپ كېلىۋاتقانلىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە رايوندا مەسچىتلەرنىڭ تاقىلىپ، قىمارخانىلارنىڭ كېڭەيتىلىشى؛ ئىچىملىك ۋە چېكىملىك بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ بىخەتەر كىشىلەر سانىلىپ، ئۇشتۇمتۇت ھاراق تاشلىۋەتكەنلەرنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىك» گۇمانى تۇتۇلۇشلىرىنى مىساللار بىلەن تىلغا ئالغان ئىدى.
قەلبىنۇر يۈسۈپ خانىم، ياسىن بەكرىگە ئوخشاش زور بىر تۈركۈم ساۋاقداشلىرىنىڭ ئەينى يىللاردا نامراتلىقىنىڭ قۇربانى بولغان بولسا، ئەمدىلىكتە ۋەھشىي سىياسىي بوران-چاپقۇننىڭ، يەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلىقىنى ئېچىنىش بىلەن تىلغا ئالدى.